ئەزەربەيجاندا قانۇنى سۇلتان سۇلەيمان دەۋرىگە ئائىت بىر ھۆججەت تېپىلدى

ئەزەربەيجان دۆلەتلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى قوليازمىلار ئىنستىتۇتىنىڭ ئارخىپىدىن قانۇنى سۇلتان سۇلەيمان دەۋرىگە تەۋە بىر «مۈلۈكنامە» تېپىلدى.

ئەزەربەيجاندا قانۇنى سۇلتان سۇلەيمان دەۋرىگە ئائىت بىر ھۆججەت تېپىلدى
kanuni belge.jpg
kanuni belge.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قانۇنى سۇلتان سۇلەيماننىڭ مۆھۈرى بار بولغان، دىۋانى خەت نۇسخىسى بىلەن ئوسمانلى تۈركچىسىدە يېزىلغان ھۆججەت، ئانادولۇ ۋە رۇمئەلىدە بەزى كىشىلەرگە پادىشاھ تەرىپىدىن زېمىن بېرىلىشى مەسىلىسى تېما قىلىدىكەن.

«ھىبەنامە» ياكى «مۈلكنامە» دەپ ئاتىلىۋاتقان ھۆججەت، قارا، ئالتۇن ۋە كۆك رەڭلەر ئىشلىتىلىپ 1566 – يىلى ئىستانبۇلدا يېزىلغان بولۇپ، كەڭلىكى 30، ئۇزۇنلۇقى 180 سانتېمىر كېلىدىغان ھۆججەتنىڭ ئاستىدا ئۆز دەۋرىنىڭ ۋەزىرلىرى پەرتەۋ پاشا ۋە فەرھات پاشا بىلەن قازى ئەسكەرلەر ئەھمەد ئەپەندى بىلەن ھۇسەيىن ئەپەندىنىڭ ئىمزالىرى بار ئىكەن.

قوليازمىلار ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى پىروفېسسور دوكتور پاشا كەرىموۋ بايانات بېرىپ، ھۆججەتنىڭ ئارخىپقا قاچان ۋە قانداق كەلگەنلىكىنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.

تۈركىيەدىكى ئارخىپلاردا ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ 10- پادىشاھى قانۇنى سۇلتان سۇلەيمان دەۋرىگە ئائىت مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان ھۆججەتلەرنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن كەرىموۋ، ئەزەربەيجان ئارخىپىدىمۇ بۇنداق بىر ھۆججەتنىڭ تېپىلىشىنىڭ ئۆزلىرىنى سۆيۈندۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

«مۈلكنامە»نىڭ ئوسمانلى قانۇن تارىخى تەتقىقاتلىرىغا نىسبەتەن مۇھىم بىر ماتېرىيال ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان كەرىموۋ، ھۆججەتنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر