ئەردوغانغا ئىككىنچى قېتىم «دۇنياۋى مۇنەۋۋەر مۇسۇلمان مۇكاپاتى» بېرىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا ئىككىنچى قېتىم «دۇنياۋى مۇنەۋۋەر مۇسۇلمان مۇكاپاتى» بېرىلدى.

ئەردوغانغا ئىككىنچى قېتىم «دۇنياۋى مۇنەۋۋەر مۇسۇلمان مۇكاپاتى» بېرىلدى
erdogan muslim news nigeria.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەربىي ئافرىقا دۆلىتى نىگېرىيەدە چىقىدىغان «Muslim News Nigeria» گېزىتىنىڭ تەھرىرى راشىد ئەبۇبەكىر، 2018 – يىلىمۇ بۇ مۇكاپاتنىڭ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا بېرىلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «ھەم ئىسلام دۇنياسىدىكى ھەم خەلقئارا جەمئىيەتتىكى بەس – مۇنازىرىسىز تەسىرى ۋە كۈچى سەۋەبىدىن بۇ يىلمۇ ئەردوغان بىرىنچى رەتتىن ئورۇن ئالدى» دېدى.

ئەبۇبەكىر، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ھەردائىم ئېزىلگەن مۇسۇلمانلارنىڭ يېنىدا تۇرغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ئەردوغان سۈرىيە، بىرما، كەشمىر ۋە پەلەستىن مەسىلىلىرىدە ھەردائىم ساداسىنى ياڭراتتى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ كۇالا لۇمپۇر باشلىقلار يىغىنىدىمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىك ۋە باراۋەرلىكى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئىككىنچىلىك مۇكاپاتى مالايشىيا باش مىنىستىرى ماھاتىر مۇھەممەدكە، ئۈچىنچىلىك مۇكاپاتى تېگى – تەكتى سومالىلىق مۇسۇلمان پالاتا ئەزاسى ئىلخان ئۆمەرگە، تۆتىنچىسى بولسا، گامبىيە پىرېزىدېنتى ئاداما بارروۋغا بېرىلدى. مۇكاپاتنىڭ بەشىنچىسى تېگى – تەكتى تۈركىيەلىك گېرمان پۇتبولچى مەسئۇت ئۆزىلغا بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر