قاھىرە بىلەن بۇخارا 2020 - يىللىق ئىسلام دۇنياسى مەدەنىيەت پايتەختى ئېلان قىلىندى

مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرە بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ بۇخارا شەھىرى، 2020 – يىللىق ئىسلام دۇنياسى مەدەنىيەت پايتەختى ئېلان قىلىندى.

1325384
قاھىرە بىلەن بۇخارا 2020 - يىللىق ئىسلام دۇنياسى مەدەنىيەت پايتەختى ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسلامىي مائارىپ، پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى، تۇنىستا چاقىرىلغان 2019 – يىللىق ئىسلام دۇنياسى مەدەنىيەت پايتەختى يېپىلىش مۇراسىمىدا، قاھىرە بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى بۇخارانىڭ 2020 يىللىق ئىسلام دۇنياسى مەدەنىيەت پايتەختى دەپ بېكىتىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

يېپىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان ئىسلامىي مائارىپ، پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى باش مۇدىرى سالىم بىن مۇھەممەد ئەلمالىك، مەزكۇر پائالىيەت ئارقىلىق ئىسلام دۆلەتلىرى ئارىسىدا مەدەنىيەت گۈللىنىشىنى قوللاشنى نىشان قىلغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

تۇنىسنىڭمۇ ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئىسلامىي ئۆتمۈشى ۋە مەدەنىيەت بېرىكمىسى يۈزىسىدىن 2019 – يىللىق مەدەنىيەت پايتەختى دەپ بېكىتىلگەنلىكىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتكەن مالىك، ئىسلامىي مائارىپ، پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ ئىسلام ئىلىملىرى ۋە كۈلتۈرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئالاھىدە كۈچ چىقارغان ئىبن خەلدۇننىڭ تۇنىستىكى ئۆيىنى رېمونت قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

تۇنىس مەدەنىيەت مىنىستىرى مۇھەممەد زەينەلئابىدىن بولسا، ئىسلام دۇنياسىدا مەدەنىيەت سىياسەتلىرىنىڭ گۈللەندۈرۈلۈشىنىڭ ئەھمىيىتىگە ئىشارەت قىلىپ ئۆتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر