تۈركىيەنىڭ دائېشقا قارشى كۈرىشىنى چۈشەندۈرگەن كىتاب نەشر قىلىندى

تۈركىيەنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش پەيدا قىلغان تەھدىتلەر ۋە بۇلارنى يوقىتىشقا قارىتىلغان بىخەتەرلىك ھەربىي ھەرىكەتلەر چۈشەندۈرۈلگەن «تۈركىيەنىڭ دائېشقا قارشى كۈرىشى» ناملىق كىتاب، ئوقۇرمەنلەر يۈز كۆرۈشتى.

1316672
تۈركىيەنىڭ دائېشقا قارشى كۈرىشىنى چۈشەندۈرگەن كىتاب نەشر قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئانادولۇ ئاگېنتلىقى ئېلان قىلغان خەۋەرلەرگە ئاساسەن تەييارلانغان، تۈركىيەنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش پەيدا قىلغان تەھدىتلەر ۋە بۇلارنى يوقىتىشقا قارىتىلغان بىخەتەرلىك ھەرىكەتلىرى چۈشەندۈرۈلگەن كىتاب، تۈركچە، ئىنگلىزچە ۋە ئەرەبچە نەشر قىلىندى.

تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى، يېيىلىشى ۋە يوقىلىشى، ئىراقتا كېڭىشى، دۇنيادا پەيدا قىلغان ھۇجۇملىرى، كاتتىباشلىرى، تۈركىيەدە پەيدا قىلغان قانلىق ھۇجۇملىرى ۋە تۈركىيەنىڭ دائېشقا قارشى كۈرەشتە ئۇچرىغان زىيانلىرى بايان قىلىنغان كىتاب، فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتىنىمۇ يورۇتۇپ بېرىدۇ.

كىتابنىڭ كىرىش سكزىنى يازغان ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مۇدىرىيەتىنىڭ باشلىقى ۋە باش مۇدىرى شەنول كازانجى، تۈركىيەنىڭ ئىراق بىلەن سۈرىيەگە قوشنا بولۇشى ۋە چەت ئەللىك تېررورىستلارنىڭ ئۆتۈش نۇقتىسىغا جايلىشىشىنىڭ، دائېشنىڭ تەھدىتلىرىگە ئەڭ كۆپ ئۇچرىغان دۆلەت بولۇشىغا سەۋەب بولغانلىقى بىلدۈردى.

ئىسلام جۇغراپىيەسىدە ئۆرنەك كۆرسىتىلگەن تۈركىيەنىڭ، كۈچىنى دىننى سۈيىئىستېمال قىلىشتىن ئالغان تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ نىشانىغا ئايلانغان دۆلەتلەرنىڭ بېشىدا كېلىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن شەنول كازانجى، تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 2014-يىلى مارت ئېيىدىن باشلاپ تېررورلۇق ھۇجۇمىنى پەيدا قىلىشقا باشلىغانلىقىنى، بىراق تۈركىيەنىڭ بۇنىڭدىن خېلى بۇرۇن بولغان 2013-يىلى 30-سېنتەبىردە تەشكىلاتنى تېررورلۇق تەشكىلاتى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ مەيدانىنى نامايان قىلغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ئەڭ كۆپ زىيىنىغا ئۇچرىغان دۆلەت بولغان تۈركىيەنىڭ، دۇنياۋى ئالاقە تورىنى تېزلىكتە كېڭەيتىپ، غەرب دۆلەتلىرىدىمۇ قانلىق ھۇجۇملارنى پەيدا قىلغان تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەشتە باشتىن تارتىپ ئالدىنقى سەپتىن ئورۇن ئالغانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر