يۇسۇف ئىسلام «ئۆمۈر بويى مۇۋەپپەقىيەت مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى

تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى-ت ر ت (TRT) نىڭ بۇ يىللىق ت ر ت دۇنيا پۇقراسى (TRT World Citizen) پائالىيىتىنىڭ 2-قېتىملىق مۇكاپاتلىرى ئىستانبۇلدا تارقىتىلدى.

يۇسۇف ئىسلام «ئۆمۈر بويى مۇۋەپپەقىيەت مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
trt world citizen.jpg
trt world citizen.jpg
trt world citizen.jpg
trt world citizen.jpg
trt world citizen.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىنسانپەرۋەرلىك خىزمەتلىرى بىلەن دۇنياغا ئىلھام بولغان يۇسۇف ئىسلام، ئەڭ ئابرۇيلۇق مۇكاپات بولغان «ئۆمۈر بويى مۇۋەپپەقىيەت مۇكاپاتى» نى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغاننىڭ قولىدىن تاپشۇرۇۋالدى.

ئەمىنە ئەردوغان مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، تۈركىيەنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ مەرت دۆلەت دەپ قارىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ت ر ت باشقۇرۇش ھەيئىتى كېڭىشىنىڭ باشلىقى ۋە باش مۇدىرى ئىبراھىم ئەرەن دۇنيا خاراكتېرلىك ئىنسانىي مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىغا ھەسسە قوشۇشنى خالايدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ، ت ر ت نىڭ مېديا ساھەسىدىكى ئورنىنى تەكىتلىدى.

ئۇ: «مەۋجۇت دۇنيا تەرتىپىگە قارشى كۈنسېرى يۇقىرى ئاۋاز بىلەن <دۇنيا بەشتىن چوڭ> دېيىلمەكتە. تۈركىيە بۇ چوڭ ئۆزگىرىشنىڭ، چاقىرىقنىڭ مەركىزىدىكى دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. تۈركىيە ئادىل ۋە يېڭى دۇنيانىڭ باشلامچىسىدۇر. ت ر ت بولسا، تۈركىيەنىڭ جامائەت تاراتقۇسى سۈپىتىدە، يېڭى مېديا ۋە تىل يارىتىشتا تاللاشقا بولىدىغان ئەمەس، بەلكى قۇرغۇچى، باشلامچى ۋە يېتەكلىگۈچى مېديا ئورگىنى بولۇش ئۈچۈن قەتئىي ئىرادىگە ئىگە» دېدى.

مۇراسىمدا ئالتە كاتېگورىيە بويىچە مۇكاپات تارقىتىلدى.

فاتېماھ ئالاباد ھەلەبتە يۈز بەرگەن ئۇرۇشنى قىزى بىلەن بىرلىكتە ئىجتىمائىي تاراتقۇدا تارقاتقانلىقى ئۈچۈن «ئۇرۇشنىڭ ئايالى» مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈلدى.

ھاۋۋا ئادەم مۇھەممەد مائارىپچى مۇكاپاتىغا، ئەھمەت ئابۇ رەتايما ئۇچۇر-ئالاقە مۇكاپاتىغا، رەيھان جامالوۋا ياشلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

ئەھمەت ئەزىزۋاھابزادە يىلنىڭ دۇنيا پۇقراسى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

مۇكاپاتلارنى ئىبراھىم ئەرەن تارقىتىپ بەردى.

بۇ يىل (2019) «ت ر ت ۋورلد پۇقراسى» نىڭ ئەڭ ئابرۇيلۇق مۇكاپاتى ھېسابلىنىدىغان «ئۆمۈر بويى مۇۋەپپەقىيەت»، «تىنچلىق پويىزى» ناملىق لايىھەسى بىلەن، مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن ئىسمىنى يۇسۇف ئىسلامغا ئۆزگەرتكەن سەنئەتچى ۋە پائالىيەتچى كەت ستېۋېنس (Cat Stevens) قا بېرىلدى. يۇسۇف ئىسلام مۇكاپاتىنى ئەمىنە ئەردوغاندىن تاپشۇرۇۋالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر