بوزدوغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىندى

تۈركىيەنىڭ تۇنجى مىللىي ھاۋادىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىدىن بىرى بولغان «بوزدوغان» مۇۋەپپەقىيەتلىك سىناق قىلىندى.

بوزدوغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىندى
بوزدوغان مۇۋەپپەقىيەتلىك سىناق قىلىندى
بوزدوغان مۇۋەپپەقىيەتلىك سىناق قىلىندى

ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىغا سەپلىنىدىغان ھاۋادىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان «بوزدوغان» باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى، قويۇپ بېرىش سۇپىسىدىن قويۇپ بېرىلىپ نىشانغا دەل تەگدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سانائەت ۋە تېخنولوگىيە مىنىستىرلىقى تۈركىيەنىڭ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ يساپ چىققان «بوزدوغان» باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، مىليونلارچە دوللار خەجلەپ سېتىۋېلىنىدىغان ھاۋادىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ ئورنىغا، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ياساپ چىقىلغان يەرلىك ۋە مىللىي باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ پىلانلىق ئىشلەپچىقىرىلىشى ئۈچۈن ساناقلىق كۈنلەرنىڭ قالغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىغا سەپلىنىدىغان ھاۋادىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان «بوزدوغان» باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنىڭ، قويۇپ بېرىش سۇپىسىدىن قويۇپ بېرىلىپ نىشانغا دەل تەگكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

بوزدوغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى مىللىي ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىغا ۋە «F-16» ئايروپىلانلارغا سەپلىنىدۇ.

«قىزىلئۆتەسى» ناملىق ئىزدەش بېشى بار بولغان بوزدوغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى، 2020-يىلى قوراللار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلىدۇ. تۈركىيە بۇنىڭ بىلەن ھاۋادىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياسىيالايدىغان توققۇز دۆلەت ئىچىگە كىردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر