تۈرك ئۆسمۈرلەر تۈركىيەنىڭ ئۈلگە ئېلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى

ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى مۇنبىرىدە خەلقئارالىق جەمئىيەتلەرگە خىتاب قىلغان ئىككى تۈرك ئۆسمۈر، تۈركىيەنىڭ مۇساپىرلارغا كۆرسەتكەن مېھماندوستلۇق ۋە شەپقىتىنىڭ ئۈلگە ئېلىنىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

1310683
تۈرك ئۆسمۈرلەر تۈركىيەنىڭ ئۈلگە ئېلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بالىلار ھوقۇقى ئەھدىنامىسى ۋىلايەتلىك كومىتېتلىرىنىڭ تەڭ ھوقۇقلۇق رەئىسى بەيزا كىچىك بىلەن مۇھەممەد ئاكتاش، ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدە ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتكە قاتناشتى.

بەيزا كىچىك بالىلار ھوقۇقى ئەھدىنامىسى قوبۇل قىلىنىشتىن خېلى بۇرۇنلا، يەنى 1924-يىلى 23-ئاپرېل كۈنىنى بالىلارغا بايرام سوۋغىسى قىلغان دۆلەت بولغان تۈركىيەنىڭ غۇرۇرلۇق بالىلىرى ئىكەنلىكلىرىنى ئەسكەرتىپ: «بۇ بايرامنى ھەر يىلى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن بالىلار بىلەن بىرلىكتە تەبرىكلەيمىز» دېدى.

مۇھەممەد ئاكتاش تۈركىيەدە بالىلار ھوقۇقى مەسىلىسىدە قىلىنىۋاتقان خىزمەتلەر ئۈستىدە توختالدى. ئۇ ھەر يىلى دۇنيا بالىلار كۈنى سۈپىتىدە تەبرىكلىنىدىغان 20-نويابىردا، تۈركىيەدە مەملىكەتلىك بالىلار مۇنبىرى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە تۈركىيەدىكى سۈرىيەلىك مۇساپىر بالىلار ئۈچۈن قىلىنىۋاتقان ماسلىشىش پىروگراممىلىرى ئۈستىدىمۇ توختالدى.

ئۇ: «دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەردىن سۈرىيەلىك ۋە باشقا مۇساپىرلار ئۈچۈن تۈركىيەدە قىلىنىغىنىدەك، ئوخشاش مېھماندوستلۇق ۋە شەپقەتنىڭ كۆرسىتىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز» دېدى.

ئۇ جەمئىيەتلەرنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئاساسىي كۆرسەتكۈچلەردىن بىرىنىڭ، بالىلار ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، دۇنيادىكى بارلىق بالىلارنىڭ، ئوزۇقلىنىش، پاناھلىنىش، سۆيگۈ، شەپقەت، سالامەتلىك، مائارىپ قاتارلىق پۈتكۈل ئىنسانىي ئېھتىياجلىرىغا، چوڭلارنىڭ مەسئۇل ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر