مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئورتاقلىشىلغان بۇ كۆرۈنۈش نۇرغۇن كىشىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، سۈرىيەدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بىر تۈرك ئەسكىرىنىڭ بىر موماينىڭ قولىغا سۆيۈۋاتقان ھالەتتىكى فوتو – سۈرىتىنى ئورتاقلاشتى.

1305802
مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئورتاقلىشىلغان بۇ كۆرۈنۈش نۇرغۇن كىشىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ي پ گ / پ ك ك ۋە دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە رەسۇلەيندە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بىر تۈرك ئەسكىرىنىڭ بىر موماينىڭ قولىغا سۆيۈۋاتقان ھالەتتىكى فوتو – سۈرىتىنى ئورتاقلاشتى.

مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورى تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا تارقىتىلغان تۈرك ئەسكىرىنىڭ بىر مومايغا ھۆرمىتىنى ئىپادىلەۋاتقان فوتو – سۈرىتى بىلەن بىرلىكتە غازى مۇستافا كەمال ئاتاتۈركنىڭ تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ قەھرىمان ئەسكەرلىرى ئۈچۈن ئېيتقان «دۇنيانىڭ ھېچبىر ئارمىيەسىدە قەلبى سېنىڭكىدىن پاك، سېنىڭكىدىن ساغلام بىر ئەسكەر ئۇچراپ باقمىدى» دېگەن سۆزلىرىگە ئورۇن بېرىلدى.

مىنىستىرلىق ئورتاقلىشىلغان فوتو – سۈرەت قىسقا ۋاقىت ئىچىدە نۇرغۇن ئادەمنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر