دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى  ئاتاتۈرك ھەققىدە ۋىدېئو ھەمبەھىرلەشتى

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى «10 – نويابىر  ئاتاتۈركنى خاتىرىلەش كۈنى» ھارپىسىدا ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 9 دىن 5 مىنۇت ئۆتكەندە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى غازى مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك ھەققىدە ۋىدېئو ھەمبەھىرلىشىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى  ئاتاتۈرك ھەققىدە ۋىدېئو ھەمبەھىرلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىرلىق ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىلىرىدە  ئاتاتۈرك ھەققىدە ۋىدېئو ھەمبەھىرلىشىشنى 6 – نويابىر كۈنى باشلىغان بولۇپ، بۈگۈن  ئاتاتۈركنىڭ خۇسۇسىي نەرسە – كېرەكلىرى، ئۆزىگە تەقدىم قىلىنغان ۋە مەنىۋى پەرزەنلىرىگە ئۆزى بەرگەن ھەدىيەرلەر، ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىدىكى چاناققەلئە ۋە مۇستەقىللىق ئۇرۇشلىرى تونۇشتۇرۇلغان ئاتاتۈرك ۋە مۇستەقىللىق ئۇرۇشى  مۇزېيى ھەققىدە مەخسۇس بىر ۋىدېئو ھەمبەھىرلەشتى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 81 – يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلىنغان ۋىدېئودا مۇنداق دېيىلدى: «مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك!  سىز قەلبىمىزدە مەڭگۈ ھايات.»

ۋىدېئو  ئاتاتۈركنىڭ مۇنۇ سۆزلىرى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ: «ئۆلۈم ئىنساننىڭ مەڭگۈ ئۆزگەرمەس تەقدىرىدۇر؛ ئەڭ مۇھىمى ئەبەدىي خاتىرىلەنمەكتۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر