مىسىرلىقلار تۈرك تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى ئىنتايىن ياقتۇرۇپ كۆرىدۇ

مىسىرلىقلار «تىرىلىش ئەرتۇغرۇل» قاتارلىق تۈرك تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى ئىنتايىن ياقتۇرۇپ كۆرىدۇ.

1302869
مىسىرلىقلار تۈرك تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى ئىنتايىن ياقتۇرۇپ كۆرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرەب دۇنياسىدا شۆھرەت قازانغان تۈرك تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ ئارتىسلىرى مىسىرلىق كۆرۈرمەنلەرمۇ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئارتىسلار قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ. مىسىرلىقلار تۈرك تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى ياقتۇرۇپ كۆرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈرك تىلىنى ئۆگىنىشكىمۇ ئىنتايىن قىزىقىدۇ.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بەزى مىسىرلىقلار تۈرك تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى سايىسىدا تۈرك تىلىغا قىزىقىشقا باشلىغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قاھىرەدىكى يۇنۇس ئەمرە ئىنىستىتۇتىدا تۈركچە كۇرسلارغا قاتنىشىپ تۈركچە ئۆگىنىشكە باشلىغان.

مىسىرلىقلار ئاممىۋى مەسىلىلەر رومانتىك بىر شەكىلدە ئىپادىلەپ بېرىلدىىغان تۈرك تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى «بىزنىڭ رېئاللىقىمىزنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ» دەپ قارايدىكەن.

بولۇپمۇ مىسىرلىق ئەرلەر، تۈركىيە – رادىيو – تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى تەرىپىدىن ئىشلەنگەن ۋە رېكورتنى بۇزۇپ تاشلىغان «تىرىلىش ئەرتۇغرۇل» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى ئىنتايىن ياقتۇرۇپ كۆرىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر