ئەتە مەۋلۇت قەندىلى

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دۇنياغا كەلگەن كۈن بولغان مەۋلۇت قەندىلى ئەتە ئىدراك قىلىنىدۇ.

1302008
ئەتە مەۋلۇت قەندىلى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دۇنياغا كۆز ئاچقان كۈن بولغان رەبىئۇل ئاخىر ئېيىنىڭ 12 – كۈنى ئىدراك قىلىنىدىغان مەۋلۇت قەندىلى، ئىسلام دۇنياسىغا نىسبەتەن مۇھىم بىر كۈن ۋە كېچە ھېسابلىنىدۇ.

لۇغەت مەنىسى «تۇغۇلغان جايى ۋە ۋاقتى» دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدىغان مەۋلۇت، ئىسلام مەدەنىيىتىدە بولۇپمۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇنياغا كېلىشىنى، بۇ دائىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىملارنى ۋە يېزىلغان ئەسەرلەرنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسى دىنىي خىزمەتلەر باش ئىدارىسى تەرىپىدىن مەۋلۇت قەندىلى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ.

ئىستانبۇلدا ئەييۇب سۇلتان ۋە فاتىھ جامەلىرىدە، كونيادا كاپۇ جامەسىدە، ئىسپارتادا ئۇلۇ ۋە يېڭى مەھەللە جامەلىرىدە ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان مەخسۇس پىروگرامما دائىرىسىدە قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىنىدۇ، مەۋلۇت ئوقۇلىدۇ ۋە دۇئا قىلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر