جېن پائۇل فىرانسىيەنىڭ ئەڭ ئاتاقلىق ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

فىرانسىيەلىك يازغۇچى جېن پائۇل دۇبوئىس «ئىنسانلار دۇنيادا ئوخشاش شەكىلدە ياشىمايدۇ» ناملىق رومانى بىلەن فىرانسىيە گونكۇرت ئاكادېمىيەسى ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

جېن پائۇل فىرانسىيەنىڭ ئەڭ ئاتاقلىق ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گونكۇرت ئاكادېمىيەسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇكاپاتنىڭ «ئىنسانلار دۇنيادا ئوخشاش شەكىلدە ياشىمايدۇ» ناملىق روماننىڭ يازغۇچىسى جېن پائۇل دۇبوئىسقا بېرىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى. 

جېن پائۇل دۇبوئىس 1950يىلى فىرانسىيەنىڭ تولوس شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئۇ رومانىدا ئىككى مەھبۇسنىڭ دۇچ كەلگەن قېيىنچىلىقلىرىنى مەزمۇن قىلغان ئىدى.

فىرانسىيەنىڭ ئەڭ ئاتاقلىق ئەدەبىيات مۇكاپاتى ھېسابلىنىدىغان «گونكۇرت ئاكادېمىيەسى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» ئالدىنىق يىلى «كۈنتەرتىپ/ لودر دۇ جور» ناملىق كىتابنىڭ يازغۇچىسى ئېرىك ۋۇللاردقا بېرىلگەن ئىدى. 

«گونكۇرت ئاكادېمىيەسى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» تۇنجى قېتىم 1903يىلى تارقىتىلىشقا باشلانغان بولۇپ، ھەر يىلى بىر يازغۇچى پەقەت بىر قېتىملا بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشەلەيدۇ.

بىراق ئاتاقلىق فىرانسىيەلىك يازغۇچى رومېن گارىي 1956 - يىلى ئۆز نامى بىلەن ھەمدە 1975يىل «ئامىلە ئاجار» دېگەن نام بىلەن ئىككى قېتىم بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بىردىن بىر يازغۇچى بولغان ئىدى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى ماركېل پىروست ۋە شىمون دې بېئۇۋور غا ئوخشاش ئاتاقلىق يازغۇچىلارمۇ بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئىدى. 

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر