ئافيونكاراھىسارنىڭ يەرلىك يېمەكلىكلىرى دۇنياغا تونۇلماقتا

گازىئانتەپ ۋە ھاتاينىڭ ئارقىسىدىن ئافيون يېمەكلىكلىرىمۇ ب د ت مائارىپ، بىلىم ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى-يۇنېسكو (UNESCO) نىڭ تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.

1298597
ئافيونكاراھىسارنىڭ يەرلىك يېمەكلىكلىرى دۇنياغا تونۇلماقتا
sucuk doner.jpg
afyon sucuk.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافيونكاراھىسارنىڭ يۇنېسكونىڭ تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن تاتلىق تۈرۈمى، پاستىرما، قايماق، كۆكنار، كەشكەك، يەرلىك نان قاتارلىق يېمەكلىك ۋە تاتلىق تۈرۈملەر يۇنېسكونىڭ «يېڭىلىق يارىتىش شەھەرلەر تورى» دا ئۆزىنىڭ ئورنىنى تاپتى.

يۇنېسكونىڭ 2019-يىللىق تىزىملىكىدە 66 يېڭى شەھەر بار بولۇپ، ئوخشىمىغان تەرەپلىرى بىلەن تىزىملىكتىن ئورۇن ئالدى.

ئافيونكاراھىسار گاسترونومىيە تۈرىدىكى يېمەكلىكلىرى بىلەن ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر