ياپونىيەنىڭ تارىخىي قەلئەسىگە ئوت كەتتى

ياپونىيەنىڭ ئوكىناۋا رايونىدىكى تارىخىي شۇرى قەلئەسى كۆيۈپ كۈلگە ئايلاندى.

1297804
ياپونىيەنىڭ تارىخىي قەلئەسىگە ئوت كەتتى
japonya shuri kalesi1.jpg

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىيودو ئاگېنتلىقىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خەۋىرىدە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى/ مائارىپ، ئىلىم پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى «UNESCO» نىڭ دۇنيا مىراسى تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالغان شۇرى قەلئەسىنىڭ شۇ يەرنىڭ ۋاقتى كەچ سائەت 02:40 ئۆتكەندە باشلانغان ئوت ئاپىتىدە، قويۇپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئوت ئۆچۈرۈش ئەترەتلىرى ئوت ئاپىتىدە قەلئەنىڭ «سەيدەن» دېيىلىدىغان ئانا بىناسىدىن باشقا يەنە «ھوكۇدەن» دېيىلىدىغان شىمالىي تەرەپ بىناسى ھەمدە «ناندەن» دېيىلىدىغان جەنۇبىي تەرەپ بىناسىنىڭمۇ پۈتۈنلەي كۆيۈپ كۈلگە ئايلانغانلىقىنى بىلدۈردى. 

خەۋەردە، ناھا شەھىرىدىكى قەلئەنىڭ يەر كۆلىمى تەخمىنەن 4800 كىۋادىرات مېتېر بولۇپ، قەلئەگە تەۋە 7 بىنانىڭ پۈتۈنلەي كۆيۈپ كەتكەتلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

ئالاقىدار مەسئۇللار ئوت ئاپىتىدە ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىدار بولۇش ھادىسىسى كۆرۈلگەن ۋەياكى كۆرۈلمىگەنلىكى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىدى. بىراق قەلئە ئەتراپىدا ئولتۇرۇشلۇق 30 دىن كۆپرەك كىشىنىڭ ۋاقىتلىق باشقا جايغا يۆتكىۋېتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.  

ئوت كېتىش ۋەقەسى قەلئەنىڭ ئانا بىناسىدا باشلانغانلىقى تەخمىن قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق ئوت كېتىش سەۋەبى تېخىچە تەكشۈرۈلمەكتە.

ياپونىيە كابېىنتى باش كاتىبى يوشىخىدە سۇگا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، شۇرى قەلئەسىنىڭ ئوكىناۋاغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم سېمۋول ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ قەلئەنى قايتىدىن ياساپ چىقىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغاننىڭ ھەممىنى قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

رىيۇكيو پادىشاھلىقى دەۋرىدە، تەخمىنەن 500 يىل ئىلگىرى ياسالغان شۇرى قەلئەسى، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئېغىر زىيانغا ئۇچراپ، قايتا رېمۇنت قىلىنغان ۋە 1992يىلى دۆلەت باغچىسى سۈپىتىدە خەلقنىڭ زىيارىتىگە ئېچىۋىتىلگەن ئىدى.

شۇرى قەلئەسى 2000يىلىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلم پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى «UNESCO» نىڭ دۇنيا مىراسى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر