گېرمانىيەدە جامە قۇرۇلۇشىغا چوشقا بېشى تاشلاپ قويۇلدى

گېرمانىيەنىڭ شىمالىي رېن ۋېستفاليا ئۆلكىسىنىڭ سچۋېلم شەھىرىدىكى بىر جامە قۇرۇلۇشىغا چوشقا بېشى تاشلاپ قويۇلدى.

1297091
گېرمانىيەدە جامە قۇرۇلۇشىغا چوشقا بېشى تاشلاپ قويۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىيانەت ئىشلىرى تۈرك ئىسلام بىرلىكىگە قاراشلىق سچۋېلم يېشىل جامەسى، جامە قۇرۇلۇشىغا نامەلۇم كىشى ياكى كىشىلەر تەرىپىدىن بىر خالتىدا چوشقا بېشىنىڭ تاشلاپ قويۇلغانلىقىنى، بۇ ۋەقەنىڭ قۇرۇلۇش  ئىشچىلىرى تەرىپىدىن جامە باشقارمىسىغا بىلدۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

جامە باشقارمىسى، بۇ ۋەقەنى ساقچى ئىدارىسىغا مەلۇم قىلدى، ھەمدە بايانات ئېلان  قىلىپ، بۇ قىلمىشنى قاتتىق ئەيىبلىدى، بۇ ھۇجۇمنىڭ يەرلىك  مەسئۇللار، شەھەردە ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلارنى قاتتىق غەم – قايغۇغا تاشلىغانلىقىنى، جامە باشقارمىسىنىڭ يەرلىك مەسئۇللار بىلەن ھەمكارلىق ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ ۋەقەنىڭ مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان تەھدىت ۋە تەتۈر تەشۋىقاتنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىگىلىنىشىچە، ساقچى تەرەپ ۋەقەنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر