قىزىلئاي جەمئىيىتى يەمەندە ياردەم تارقاتتى

تۈركىيە يەمەننىڭ جەنۇبىدىكى ئەدەن شەھىرىدە ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلغانلارغا 300 بولاق يېمەك-ئىچمەك تارقاتتى.

1291630
قىزىلئاي جەمئىيىتى يەمەندە ياردەم تارقاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈرك قىزىلئاي جەمئىيىتىنىڭ يەمەندىكى ۋاكالەتخانىسى ھۇدەيدە ۋە تائىز شەھەرلىرىدىن يەمەننىڭ ۋاقىتلىق پايتەختى ئەدەنگە كۆچكەنلەر، يوقسۇل ئائىلىلەر ۋە ئالاھىدە ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە ياردەم قىلدى.

ياردەم تارقىتىش پائالىيىتىگە قاتناشقان تۈرك قىزىلئاي جەمئىيىتىنىڭ يەمەندىكى ۋەكىلى مۇستافا ئايدىن يەمەن قىزىلئاي جەمئىيىتىنىڭ ھەمكارلىشىشى ئاستىدا تارقىتىلغان 300 بولاقنىڭ، يەمەن مىقياسىدا تارقىتىلماقچى بولغان 5 مىڭ يېمەك-ئىچمەك بولىقى پىلانىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ ياردەم تارقىتىشنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى، 19-ئۆكتەبىر مارىب شەھىرىدىكى ئېھتىياجلىق ئائىلىلەرگە قىزىلئاي جەمئىيىتى تەرىپىدىن 900 يېمەك-ئىچمەك بولىقى تارقتىلغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان سىياسىي مۇقىمسىزلىق يۈز بېرىۋاتقان يەمەندە، ھۇسىيلار بىلەن ھۆكۈمەتكە قاراشلىق قىسىملار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇشلار يۈز بەرمەكتە. ھۇسىيلار 2014-يىلى سېنتەبىردىن تارتىپ پايتەخت سانائا ۋە بەزى رايونلارنىڭ كونتروللۇقىنى قولىدا تۇتۇپ تۇرماقتا.

سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە قىسىم 2015-يىلى مارت ئېيىدىن تارتىپ ھۇسىيلارغا قارشى يەمەن ھۆكۈمىتىنى قوللاپ كەلمەكتە.

يەمەن ئاچارچىلىق، خولېرا كېسىلى، توقۇنۇش ۋە ھاۋا بومباردىمانلىرى سەۋەبىدىن بەدىلىنى پۇقرالار تۆلەۋاتقان چوڭ ئىنسانلىق تىراگېدىيەسىگە سەھنە بولماقتا.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر