ئېفىيوپىيە باش مىنىستىرى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈلدى

2019-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى تىنچلىققا قوشقان تۆھپىلىرى ئۈچۈن ئېفىيوپىيە باش مىنىستىرى ئابىي ئەھمەت ئەلىگە بېرىلدى.

1286466
ئېفىيوپىيە باش مىنىستىرى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 2019-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى «ئېرىترېيە بىلەن چېگرا توقۇنۇشىنى ھەل قىلىشتا نامايان قىلغان قەتئىي ئىرادىسى، خەلقئارالىق ھەمكارلىق ئورنىتىش ۋە تىنچلىقنى قولغا كەلتۈرۈشتە كۆرسەتكە تىرىشچانلىقلىرى» سەۋەبىدىن ئېفىيوپىيە باش مىنىستىرى ئابىي ئەھمەت ئەلىگە لايىق كۆرۈلدى.

نورۋېگىيە نوبېل كومىتېتى 2019-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ساھىبىنى ئېلان قىلدى. كومىتېتنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، 2019-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى ئابىي ئەھمەت ئەلىنىڭ، ئېرىترېيە پىرېزىدېنتى ئىسائىياس ئافېۋېركى بىلەن يېقىن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ئېپىيوپىيە بىلەن ئېرىترېيە ئوتتۇرىسىدا ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن ئىختىلاپنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، تىنچلىق كېلىشىمىنىڭ پىرىنسىپلىرىنى تېز سۈرئەتتە شەكىللەندۈرۈشى، قەتئىي ئىرادىسى، خەلقئارالىق ھەمكارلىق ئورنىتىش ۋە تىنچلىقنى قولغا كەلتۈرۈشتە كۆرسەتكە تىرىشچانلىقلىرى سەۋەبىدىن، بۇ يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، پىرېزىدېنت ئابىي ئەھمەت ئەلىنىڭ ئېفىيوپىيەدە نۇرغۇن كىشىلەرگە پارلاق كېلەچەك ۋە ياخشى تۇرمۇش ئۈمىدى ئاتا قىلغان مۇھىم ئىسلاھاتلارنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقى ئەسكەرتىلىش بىلەن بىرگە، باش مىنىستىر بولۇش سۈپىتىدە مۇرەسسەگە، ھەمكارلىققا ۋە ئىجتىمائىي ئادالەتكە باشچىلىق قىلىشتا تىرىشىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر