تۈركىيە خەلقى ئەسكەرلىرىنىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن دۇئا قىلماقتا

تۈركىيە خەلقى ئەسكەرلىرىگە دۇئالىرى بىلەن مەدەت بەردى.

تۈركىيە خەلقى ئەسكەرلىرىنىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن دۇئا قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەدىكى فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىگە قارىتا «تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى» نى باشلىشى بىلەن تەڭ تۈركىيەدىكى بارلىق جامىلەردە بامدات نامىزىدا بىر تۇتاش فەتىھ سۈرىسى ئوقۇلدى.

دىنىي ئىشلار باشقارمىسى باشلىقى ئەلى ئەرباش پايتەخت ئەنقەرەدىكى ھاجى بايرام ۋەلى جامەسىدە فەتىھ سۈرىسىنى تىلاۋەت قىلغاندىن كېيىن ئەسكەرلەرگە دۇئا قىلدى.

ئىستانبۇلدىكى جاملىچا جامەسىدىمۇ فەتھ سۈرىسى ئوقۇلۇپ، تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن دۇئا قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر