«ئىھلارا ۋادىسى» غا زىيارەتچىلەر سەلدەك ئاقتى

تۈركىيەنىڭ ئەڭ كۆپ زىيارەت قىلىنىدىغان 10 ساياھەت رايونىدىن بىرى بولغان «ئىھلارا ۋادىسى» غا زىيارەتچىلەر سەلدەك ئاقتى.

«ئىھلارا ۋادىسى» غا زىيارەتچىلەر سەلدەك ئاقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ كەڭ ۋادىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان، تارىخىي ۋە تەبىئىي گۈزەللىكلىرى بىلەن ئادەمنى سېھىرلەيدىغان «ئىھلارا ۋادىسى» غا بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى 9 ئېيى ئىچىدە كەلگەن  ساياھەتچىلەرنىڭ سانى 425 مىڭ 850 كە يەتتى.

ئاقساراي ۋىلايىتىنىڭ گۈزەليۇرت ناھىيەسىگە جايلاشقان «كاپادوكيا مەرۋايىتى» دەپ ئاتالغان «ئىھلارا ۋادىسى»، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى تەبىئىي، مەدەنىيەت ۋە تارىخىي بايلىقلىرى بىلەن كۈتۈۋالىدۇ.

يىلنىڭ بۇ مەۋسۇمىدا جەنۇبىي كورېيە، خىتاي، ياپونىيە قاتارلىق يىراق شەرق ئەللىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر ئىنتايىن قىزىقىدىغان «ئىھلارا ۋادىسى»، زىيارەتچىلىرىگە «مېلېندىز دەرياسى» ساھىلىدا ئايلىنىش، شۇ يەردىكى تارىخىي چېركاۋنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىش، تارىخنىڭ پۈتمەس - تۈگىمەس بايلىق مەنبەلىرىدىن زوقلىنىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر