مارستا ئاۋاز ئاڭلاندى

ئامېرىكا ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى-ناسا(NASA) نىڭ مارسقا چىقارغان يەر تەۋرەش ئاپپاراتى ئىنسايت (InSight)، 100 دىن ئارتۇق ئاۋازنى ئالدى.

مارستا ئاۋاز ئاڭلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناسا ئىنسايتنىڭ مارستا ئالغان ئاۋاز نۇسخىلىرىنى كىشىلەر ئاڭلىيالايدىغان شەكىلدە ئېلان قىلدى.

ناسانىڭ باياناتىدا، ئىنسايت ئالغان 100 دىن ئارتۇق ئاۋازنىڭ 21 سىنىڭ «كۈچلۈك يەر تەۋرەش ئېھتىمالى» دەپ تەخمىن قىلىنغانلىقى، باشقىلارنىڭ قالدۇق يەر تەۋرەش ياكى باشقا شەيئىيلەر بولۇشى مۇمكىنلىكى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا، يەر تەۋرەش تەكشۈرۈش ئاپپاراتىنىڭ ئۆزىنىڭ ھەرىكەتلىرىنى ۋە مېخانىكىلىق ئاۋازلاردىن باشقا، مارستىكى شاماللارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىيالايدىغان دەرىجىدە سەزگۈر ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

بىلدۈرۈلىشىچە، ئىنسايت ئاپپاراتى مارسقا 2018-يىلى نويابىر ئېيىدا چىقىرىلغان بولۇپ، تۇنجى يەر تەۋرەش سىلكىنىشلىرىدىن پەيدا بولغان ئاۋازنى ئاپرېل ئېيىدا ئالغان ئىدى.

ئالىملار مارستىكى يەر تەۋرەشنى تەتقىق قىلىپ، مارسنىڭ پەيدا بولۇش جەريانى ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتلارغا ئىگە بولۇشنى ئۈمىد قىلماقتا.

مارسنىڭ گېئولوگىيەلىك نۇقتىدىن يەر شارىغا ئوخشاش ئاكتىپ ئەمەسلىكى ۋە ئاي شارىنىڭ تۈزۈلۈشىگە ئوخشىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر