چەركەس توخۇسى

«چەركەس توخۇسى» ئېتىش ئۇسۇلى.

چەركەس توخۇسى

چەركەس توخۇسى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تۈرك تائاملىرى دۇنيادىكى ساناقلىق تائئاملاردىن بىرى دېسەك ھەرگىزمۇ ئاشۇرۇۋەتكەن بولمايمىز. چۈنكى تۈرك تائاملىرىغا ئوتتۇرا ئاسىيادىن بالقان رايونىغىچە  بولغان كۆپلىگەن تائاملارنىڭ تەسىرى سىڭگەن. تۈركلەرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئانادولۇغا كۆچۈشلىرى بىلەن باشلانغان باسقۇچ، ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى تېرروتېرىيەسىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋە بالقان رايونىغىچە كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، كۆپلىگەن لەززەتلەر ۋە تائاملار ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى ئاشخانىلىرىدا يوقىلىپ كېتىشى بىلەن ئاخىرلاشقان. شۇ ۋەجىدىن، مەيلى ئىشلىتىلىدىغان ماتېرىياللار جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى پىشۇرۇش ئۇسۇللىرى جەھەتتىن بولسۇن، تۈرك تائاملىرى ناھايىتى بايدۇر.

ئانادولۇ جۇغراپىيەسىگە كۆچكەن ئوخشىمىغان مىللەتلەر ۋە قەبىلىلەرمۇ يېمەك - ئىچمەك كۈلتۈرلىرىنى بىرلىكتە ئېلىپ كېلىپ، تۈرك تائاملىرىنىڭ بېيىشىغا ھەسسە قوشقان.  

 بۈگۈنكى پىروگراممىمىزدا، كاۋكازلارنىڭ بىر  قەبىلىسى ھېسابلىنىدىغان چەركەسلەر تۈرك تائاملىرىغا قازاندۇرغان  لەززەتلىك تائاملاردىن بىرى بولغان، مەزە سۈپىتىدە ئىستېمال قىلىشقىمۇ بولىدىغان، قوشۇمچە يېمەك سۈپىتىدىمۇ ئىستېمال قىلىشقا بولىدىغان «چەركەس توخۇسى» ئېتىش ئۇسۇلى ھەققىدە مەلۇمات بېرىمىز.

«چەركەس توخۇسى» ئېتىش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ماتېرىياللار تۆۋەندىكىچە:

  • بىر دانە توخۇ
  • بىر دانە قۇرۇق پىياز
  • بىر دانە سەۋزە
  • 5 – 6 دانە يۇمغاقسۈت
  • بىر باغلام كەرەپشە
  • تۇز
  • قارىمۇچ

«چەركەس توخۇسى» ئېتىش ئۈچۈن:

  • 250 گىرام ياڭاق مېغىزى
  • 4 – 5 تىلىم نان
  • ئىككى چىش سامساق
  • بىر تاتلىق قوشۇقى قىزىلمۇچ
  • ئىككى ئىستاكان توخۇ سۈيى

«چەركەس توخۇسى» ئېتىش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:

  • ئالدى بىلەن، پىياز، سەۋزە، يۇمغاقسۈت، كەرەپشە، تۇز ۋە قىزىلمۇچ قاتارلىقلار ئىلاۋە قىلىنغان سۇدا توخۇ گۆشىنى تاكى يۇمشىغانغا قەدەر قاينىتىڭ، ئاندىن توخۇ گۆشىنى سۇدىن چىقىرىڭ، سوغۇغاندىن كېيىن تېرىسىنى سويۇڭ ۋە سۆڭەڭلىرىدىن ئايرىڭ.
  • ياغاق مېغىزىنى ھاۋانچىدا سوقۇڭ.
  • ناننى توخۇ سۈيىدە يۇمشاتقاندىن كېيىن، سۈيىنى سىقىڭ، ياڭاققا ئىلاۋە قىلىڭ. ئاندىن مۇكەممەل بىر ئارىلاشمىغا ئايلانغانغا قەدەر ئارىلاشتۇرۇڭ ۋە ئېزىلگەن سامساق بىلەن تۇزنى ئىلاۋە قىلىڭ.
  • يېرىم ئىستاكان ئىلىق توخۇ سۈيىنى ئىلاۋە قىلىپ، ئارىلاشمىنى سويۇقلاشتۇرۇڭ.
  • توخۇ گۆشىنى كىچىك پارچىلار ھالىتىدە قاچىغا قويۇپ، ئۈستىگە ياغاڭ مېغىزىدىن ياسالغان قىيامنى تۆككەندىن كېيىن، توخۇ گۆشىگە يېگۈزۈڭ.
  • بىر قوشۇقنىڭ تەتۈر تەرىپى بىلەن ئۈستى ۋە ئەتراپىنى تۈزىتىڭ.
  • ئۈستىنى قىزىلمۇچ بىلەن بېزىگەندىن كېيىن، سوغۇق ياكى ئىلىق ھالەتتە ئىستېمال قىلسىڭىز بولىدۇ.


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر