تۈركىيە بىلەن پاكىستان ئىسلام دۈشمەنلىكىگە قارشى  كۈرەش تېلېۋىزىيە قانىلىنى ئىشقا كىرىشتۈرىدۇ

پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خان تۈركىيە، پاكىستان ۋە مالايشىيانىڭ ئىسلام دۈشمەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقارغان قىيىنچىلىقلارغا قارشى  كۈرەش قىلىش ئۈچۈن ئىنگىلىز تىلىدا ئورتاق تېلېۋىزىيە قانىلىنى ئىشقا كىرشتۈرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

تۈركىيە بىلەن پاكىستان ئىسلام دۈشمەنلىكىگە قارشى  كۈرەش تېلېۋىزىيە قانىلىنى ئىشقا كىرىشتۈرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىمران خان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نىيۇ يورك شەھىرىدە چاقىرىلغان 74 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭەش يىغىنى دائىرىسىدە، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان،  مالايشىيا باش مىنىستىرى ماخاتىر مۇھەممەد بىلەن ئورتاق ئۇچرىشىش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «بۈگۈن تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان،  مالايشىيا باش مىنىستىرى ماخاتىر مۇھەممەد بىلەن ئۇچرىشىش ئېلىپ باردۇق. ئۇچرىشىشتا، ئىسلام دۈشمەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقارغان قىيىنچىلىقلارغا قارشى  كۈرەش قىلىش ئۈچۈن ئىنگىلىز تىلىدا ئورتاق تېلېۋىزىيە قانىلىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈشنى قارارلاشتۇردۇق. دەرۋەقە، بۇ ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ مۇسۇلمانلارغا قارىتا خاتا تونۇشىنى تۈزەتكىلى بولىدۇ. ئىشقا كىرىشتۈرۈلگۈسى تېلېۋىزىيە قانىلىدا دىنىي قىممەتلەرگە ھاقارەت قىلىش مەسىلىسى توغرا شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ، ئىنسانلارنى توغرا ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەش ۋە ئۇلارنىڭ خاتا چۈشەنچىسىگە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن مۇسۇلمانلارنىڭ تارىخى تونۇشتۇرۇلغان فىلىملەر ۋە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى ئىشلىنىدۇ. قىسقىسى، بۇ تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى بىلەن  مۇسۇلمانلارغا خاس  ئاخبارات ئورگىنى روياپقا چىقىرىلغان بولىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر