پاقلان گۆشى بىلەن ئېتىلىدىغان كۆكتاتلىق گۈۋەچ

«پاقلان گۆشى بىلەن ئېتىلىدىغان كۆكتاتلىق گۈۋەچ» ئېتىش ئۇسۇلى.

1273720
پاقلان گۆشى بىلەن ئېتىلىدىغان كۆكتاتلىق گۈۋەچ

پاقلان گۆشى بىلەن ئېتىلىدىغان كۆكتاتلىق گۈۋەچ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تۈرك تىلىدا «پىشقان تۇپراقتىن ياسىلىدىغان قازانمۇ، شۇ قازاندا پىشۇرۇلىدىغان تائاممۇ «گۈۋەچ» دەپ ئاتىلىدۇ. ھەر تۈرلۈك گۆش، كۆكتات، ياكى پۇرچاق گۈۋەچتە پىشۇرۇلىدۇ. گۈۋەچنىڭ ئىچىگە سېلىنىدىغان ماتېرىياللار ئەنئەنە جەھەتتىن دوخۇپكىدا پىشۇرۇلغىنىدەك، توك ئوچاقتا، ياكى بىۋاسىتە گۈۋەچنىڭ ئۈستىدىمۇ پىشۇرۇلىدۇ. نېمىدە پىشۇرسىڭىز پىشۇرۇڭ، دىققەت قىلىشىڭىزغا تېگىشلىك نۇقتا، گۈۋەچ ئىچىدىكى تائاملارنىڭ نورمالدىكىدىن ئۇزۇنراق پىشۇرۇلىدىغانلىقىدۇر.  بۇنىڭ سەۋەبى بولسا، تۇپراقتىن ياسالغان قازانلارنىڭ ھەم كېچىكىپ قىزىشى  ھەم كېچىكىپ سوغۇشىدۇر. گۈۋەچتە پىشۇرۇلىدىغان تائاملارنىڭ لەززەتلىك بولۇشىنىڭ سىرىمۇ دەل مۇشۇدۇر.

بۈگۈنكى پىروگراممىمىزدا، لەززەتلىك تۈرك تائاملىرىدىن بىرى بولغان، «پاقلان گۆشى بىلەن ئېتىلىدىغان كۆكتاتلىق گۈۋەچ» ئېتىش ئۇسۇلى ھەققىدە مەلۇمات بېرىمىز.

«پاقلان گۆشى بىلەن ئېتىلىدىغان كۆكتاتلىق گۈۋەچ»  ئېتىش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ماتېرىياللار تۆۋەندىكىچە:

  • 700 گىرام پاقلان گۆشى
  • ئىككى دانە ئوتتۇرىھال چوڭلۇقتىكى قۇرۇق پىياز
  • 4 دانە كۆكمۇچ
  • 4 دانە پەمىدۇر
  • ئىككى دانە پېدىگەن
  • 3 دانە ئوتتۇرىھال چوڭلۇقتىكى بەرەڭگە
  • بىر دانە ئوتتۇرىھال چوڭلۇقتىكى سەۋزە
  • بىر دانە ئوتتۇرىھال چوڭلۇقتىكى چاقما كاۋا
  • بىر قوشۇق پەمىدۇر قىيامى
  • 3 چىش سامساق
  • بىر تاتلىق قوشۇقى قۇرۇق چۆل رەيھىنى
  • بىر چاي قوشۇقى قارىمۇچ
  • مۇۋاپىق مىقداردا تۇز
  • يېرىم ئىستاكان زەيتۇن يېغى

«پاقلان گۆشى بىلەن ئېتىلىدىغان كۆكتاتلىق گۈۋەچ» ئېتىش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:

  • ئالدى بىلەن، گۈچەۋنىڭ ئىچىنى ياغلاڭ، خالىسىڭىز گۈۋەچنى بىر دانە سامساق بىلەن ئۇۋىلىسىڭىزمۇ بولىدۇ. چۈنكى، بۇنداق بولغاندا، تائام تېخىمۇ لەززەتلىك بولىدۇ.
  • گۈۋەچنىڭ ئەڭ تۆۋەن بۆلۈمىگە گۆشلەرنى رەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇڭ.
  • قۇرۇق پىيازلارنى ھالقا شەكلىدە توغراپ، گۆشلەرنىڭ ئۈستىگە قويۇڭ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بولسا، توغرالغان كۆكمۇچلارنى يەرلەشتۈرۈڭ.
  • پېدىگەنلارنى، چاقما كاۋىنى ۋە پەمىدۇرلارنى گۆش بىلەن ئوخشاش چوڭلۇقتا توغراڭ.
  • مۇچلارنىڭ ئۈستىگە نۆۋەت بىلەن ئاۋۋال پەمىدۇرلارنى، ئاندىن پېدىگەنلارنى، ئاخىرىدا چاقما كاۋىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇڭ.
  • گۈۋەچنىڭ ئەڭ ئۈستىگە ھالقا شەكلىدە توغرالغان پەمىدۇرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇڭ.
  • پەمىدۇر قىيامىنى بىرئاز سۇ بىلەن ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئىچىگە قارىمۇچ، تۇز، چۆل رەيھىنى ۋە زەيتۇن يېغىنى ئىلاۋە قىلىڭ. ئاندىن ئارىلاشتۇرۇڭ.
  • قىيامنى تائامنىڭ ئۈستىگە تۆكۈپ، گۈۋەچنى دوخۇپكىنىڭ ئۈستىگە ئورۇنلاشتۇرۇڭ ۋە تۆۋەن سەۋىيەدىكى ئوتتا بىر يېرىم سائەت پىشۇرۇڭ.  گۆشلۈك گۈۋەچ تامىقى پىشقاندىن كېيىن، ئىسسىق ھالەتتە ئىستېمال قىلسىڭىز بولىدۇ.


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر