بۈگۈن دۇنيا تىنچلىق كۈنى

21 – سېنتەبىر دۇنيا تىنچلىق كۈنى مۇبارەك بولسۇن!

1273755
بۈگۈن دۇنيا تىنچلىق كۈنى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 21 – سېنتەبىر گىتلېر رەھبەرلىكىدىكى گېرمانىيە پولشاغا ئۇرۇش ئېلان قىلغان كۈن بولۇپ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى لاگېرىدىغا ئەزا دۆلەتلەر ۋە تۈركىيەدە «دۇنايا تىنچلىق كۈنى» سۈپىتىدە تەبرىكلىنىدۇ.

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن قايتا ئۇرۇش يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇشى ئاساسىي جەھەتتىن نۇرغۇن ئۇرۇشنىڭ پارتلىشى ۋە يېيىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇھىم رول ئوينىدى. شۇنداقتىمۇ پات - پات رايونلۇق توقۇنۇشلار ۋە ئۇرۇشلار ئوتتۇرىغا چىقتى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغان چاغدا باراۋەرلىك پىرىنسىپىدىن خالىي ھالدا 5 دۆلەت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى شەكىللەندۈردى. بۇنى كۆپلىگەن دۆلەتلەر  تەنقىد قىلغان بولسىمۇ، لېكىن خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 5 دائىمىي ئەزاسى ھازىرغىچە ۋەزىپە ئۆتەپ كەلمەكتە.  پەلەستىن مەسىلىسىدە كۆرۈلگىنىدەك، بۇ 5 دائىمىي ئەزادىن بىرەرسى توسالغۇ بولغان ھامان، ئورتاق قارارلارنىڭ ماقۇللىنىشى مۇمكىن ئەمەس.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ھەمىشە تەكىتلەپ كېلىۋاتقىنىدەك، «دۇنيا 5 تىنمۇ چوڭ» پىكرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بارغانسېرى قوللاشقا ئېرىشمەكتە.

بىزنىڭ بىردىنبىر ئۈمىدىمىز، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداشتا رولى ناھايىتى زور بولغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باراۋەرلىكنى چىقىش نۇقتا قىلىدىغان ۋە بىتەرەپ مەيدانىدا چىڭ تۇرىدىغان ساغلام بىر قۇرۇلمىغا ئىگە بولۇشى، بۇ ئارقىلىق پۈتكۈل دۇنيانىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىدۇر.

21 – سېنتەبىر دۇنيا تىنچلىق كۈنى مۇبارەك بولسۇن!



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر