ھىندونېزىيە بىلەن ئەرمېنىيەدە يەر تەۋرىدى

ھىندونېزىيەنىڭ شىمالىغا جايلاشقان سۇلاۋېسى ئىشتاتىدا 5.7 بال، ئەرمىيەنىڭ گىرۇزىيە چېگراسىدا 4.7 بال يەر تەۋرىدى.

ھىندونېزىيە بىلەن ئەرمېنىيەدە يەر تەۋرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندونېزىيە مېتېئورولوگىيە كىلىمات ۋە گېئوفىزىكا ئىدارىسى ئىشتاتنىڭ شىمالىدىكى تالاۋۇد ئاراللىرىغا قاراشلىق مېلونگۇانې رايونىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا 14 كىلومېتىر كېلىدىغان دېڭىز تەۋەلىكىدە 10 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا يۈز بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

يەر تەۋرەشكە مۇناسىۋەتلىك يېتىپ كەلگەن دەسلەپكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، يەر تەۋرەشتە ھېچقانداق زىيان-زەخمەت كۆرۈلمىگەن. يەر تەۋرەشتىن كېيىن دېڭىز تاشقى ھەققىدىمۇ ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلمىگەن.

ئەرمېنىيەنىڭ شىمالىدىكى گىرۇزىيە چېگراسىدىمۇ 4.7 بال يەر تەۋرىدى.

ئامېرىكا گېئولوگىيە تەتقىقاتلار مەركىزى تاشىر شەھىرىنىڭ غەربىگە 11 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا 4.7 بال يەر تەۋرىگەنلىكىنى بىلدۈردى. يەر تەۋرەشنىڭ يەردىن 7.6 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا مەيدانغا كەلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

بىلدۈرۈلىشىچە، ئەرمېنىيەدىكى يەر تەۋرەش تۈركىيەنىڭ چېگرا رايونلىرىدىمۇ ھېس قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر