جاكارتانىڭ ھاۋا بۇلغىنىشى يۇقىرى سەۋىيەگە چىقتى

ھىندونېزىيە پايتەختى جاكارتانىڭ ھاۋا بۇلغىنىشى «سالامەتلىككە زىيانلىق» سەۋىيەسىگە يەتتى.

جاكارتانىڭ ھاۋا بۇلغىنىشى يۇقىرى سەۋىيەگە چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھاۋادىكى زىيانلىق زەررىچىلەر مىقدارى PM 2.5 نىسبىتىنىڭ 150 دىن ئېشىپ كەتكەن جاكارتادا، ھاۋا بۇلغىنىشى ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگەسەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغان سەۋىيەگە يەتتى.

ھاۋا سۈپىتىنى كۆزىتىش تورى «AirVisual» نىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، دۇنيا مىقياسىدىكى 89 شەھەر ئىچىدە ھاۋاسى ئەڭ بۇلغانغان بەش شەھەر، بېيجىڭ، لاھۇر، يېڭى دېھلى، جاكارتا ۋە خاڭجۇ بولغان.

جاكارتانىڭ بۇلغانغان ھاۋاسىدىن قوغدىنىش ئۈچۈن ماسكا تاقاشنى ئاگاھلاندۇرغان مۇتەخەسسىسلەر، نەپەس ياللۇغى بولغان كىشىلەرنىڭ ئۈستى يېپىق جايلاردا تۇرۇشىنى تەۋسىيە قىلدى.

جاكارتانىڭ ھاۋا بۇلغىنىشىغا قارشى يولغا قويۇلغان تەدبىرلەرنى يېتەرسىز دەپ قارىغان مۇھىت قوغدىغۇچىلار، ھۆكۈمەتنى زۆرۈر تەدبىرلەرنى يولغا قويماسلىق بىلەن ئەيىبلىمەكتە.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى دۇنيادا مۇھىتى ئېغىر بۇلغانغان شەھەرلەر تىزىملىكى ئارىسىدا ئەڭ يۇقىرى رەتكە تىزىلغان جاكارتادا ھاۋا بۇلغىنىشىغا، ھەددىدىن زىيادە كۆپ بولغان قاتناشنى سەۋەب كۆرسەتمەكتە.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يىل بويىچە ھاۋا بۇلغىنىش نىسبىتى خەلقئارالىق ئۆلچەمنىڭ ئۈستىدە بولغان جاكارتادا، بۇ ئەھۋال ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشقاندا سالامەتلىككە چوڭ خىرىس پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرماقتا. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر