تېخنولوگىيە ۋە كۈلتۈر

قايسى تېخنولوگىيەگە ئېھتىياجىمىز بار؟

تېخنولوگىيە ۋە كۈلتۈر

تېخنولوگىيە ۋە كۈلتۈر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تېخنولوگىيە ئېلىنسا، مەدەنىيەتمۇ ئېلىنىشى كېرەكمۇ؟

تۈركىيە ۋە ئىسلام دۇنياسىدا، مەدەنىيەت، كۈلتۈر ۋە تېخنولوگىيە قاتارلىق ئاتالغۇلار ھەمدە بۇ ئاتالغۇلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسى ئۇدا ئىككى ئەسىردىن بۇيان قاتتىق تالاش – تارتىش قىلىنىپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ تېخنولوگىيەگە مۇناسىۋەتلىك تالاش – تارتىشلار يېقىنقى مەزگىلدە ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتمەكتە. تېخنولوگىيەنىڭ پەقەت تېخنولوگىيەدىنلا ئىبارەت ئەمەسلىكى، تېخنولوگىيە بىلەن كۈلتۈرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن نەرسىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى، شۇڭا تېخنولوگىيەدىن يىراق تۇرۇش لازىملىقىغا ئالاقىدار قاراشلار ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

غەربتىن نېمە ئېلىش كېرەك؟

ئالدى بىلەن، تالاش – تارتىشلارنىڭ يېڭى ۋە پەقەت تېخنولوگىيەگىلا ئائىت ئەمەسلىكى ھەققىدە ئەسكەرتىش بېرەيلى. بۇ ھەقتىكى تالاش – تارتىشلار ئاساسلىقى غەربتىن نېمە ئېلىنىشى/ئېلىنماسلىقىغا دائىر تالاش – تارتىشلارنىڭ داۋامىدۇر. بۇ مەسىلە ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دەۋرىدە، ماددىي – ئەخلاقي جەھەتتىن ئالغا ئىلگىرىلەش_(سەئىد ھەلىم پاشا)، ھارىس مەدەنىيىتى (زىيا گۆقالپ)، ھەقىقىي مەدەنىيەت – سەنئەت مەدەنىيىتى (جالال نۇرى) قاتارلىق ئېقىملار ھەم ئاتالغۇلار ئارقىلىق ئوخشىمىغان يازغۇچىلار تەرىپىدىن قاتتىق تالاش – تارتىش قىلىنغان.

تالاش – تارتىشلارنىڭ دائىرىسىنى ئاكىفنىڭ مۇنۇ شېئىرىدا بەلگىلەپ بەرگەنلىكىنى ئېيتىش مۇمكىن:

« ئەجنەبىينىڭ ئىلمىنى ھەم سەنئىتىنى ئۆگىنىڭ

بۇ ھەقتە تىنىم تاپماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىڭ

چۈنكى ئىلىم - سەنئەتسىز ياشاش مۇمكىن ئەمەس

چۈنكى ئىلىم – سەنەتسىز مىللەتنىڭ ئىستىقبالى پارلاق ئەمەس»

مەشرۇتىيەت دەۋرىدەىكى بەزى تۈركچىلىك ئېقىمىغا مەنسۇپ مۇتەپەككۇرلارنىڭ، بولۇپمۇ ئىسلامچى مۇتەپككۇرلارنىڭ پوزىتسىيەلىرىنى، غەربنىڭ ئىلمىنى ئۆگىنىش، ئەمما غەربنىڭ ئەخلاقى ۋە ئۆزىگە خاس كۈلتۈرىنى قوبۇل قىلماسلىق تەرىقىسىدە خۇلاسىلەش مۇمكىن.

كېيىنكى مەزگىللەردە ئاكىف ۋە باشقىلىرى غەربنى توغرا چۈشەنمەسلىك بىلەن تەنقىد قىلىنغان. مەن بۇ ھەقتە ئاكىف ناھەق تەنقىدكە ئۇچرىغان، دەپ قارايمەن. چۈنكى  مېنىڭچە، ئاكىف تۆۋەندىكى تەنقىدلەرنى مۆلچەرلىيەلمىگەن.

تېخنولوگىيە – كۈلتۈر مۇناسىۋەتلىرى

تېخنولوگىيە شۇ تېخنولوگىيەنى نۇقسانسىز ئىشلەپچىقارغان بىر مىللەتنىڭ ئاساسلىق كۈلتۈرىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. ئىنساننى قايتىدىن يارىتىش مەقسىتىدە  لايىھەلەپ چىقىلغان زېھىن تېخنولوگىيەسىگە شۇ تېخنولوگىيە تەئەللۇق بولغان كۈلتۈردىن ئايرىپ قاراش مۇمكىنمۇ؟ مېنىڭ كۆزدە تۇتۇۋاتقىنىم غەرب كۈلتۈرى ئەمەستۇر. چۈنكى بۇ تېخنولوگىيەلەر خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغىنىدەك، غەرب ئەللىرىدىمۇ ئىشلەپچىقىرىلىدۇ.

دەرۋەقە، پەقەت دۈشمەن ئارمىيەلىرىنىلا ئەمەس، تاشلانغان رايونلاردىكى يۈز مىڭلارچە پۇقرانى، ئۆسۈملۈكلەرنى، جانلىقلارنى يوق قىلىۋېتىدىغان، كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋەيرانچىلىقلىرى سەۋەبىدىن تاشلانغان جايلارنى ھېچنېمە ئۈنمەيدىغان ھالغا كەلتۈرۈپ قويىدىغان ئاتوم بومبىسىغا شۇ ئاتوم بومبىسىنى ياپونىيەگە تاشلىغان ئىدېئولوگىيەدىن مۇستەقىل ھالدا قاراش مۇمكىنمۇ؟

بۇ ئاڭغا قارىتا قانۇنى سۇلتان سۇلايماننىڭ قارىشىنى، ئوخشىمىغان بىر تېخنولوگىيە – كۈلتۈر مۇناسىۋىتىگە مىسال كەلتۈرۈش مۇمكىن. قانۇنى سۇلتان سۇلايمان ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى سارىيىنىڭ باغچىسىدىكى چۆمۈلىلەرنىڭ دەرەخلەرنى كوچىلاپ قۇرۇتۇۋېتىشىدىن كۆڭلى يېرىم ئىدى، شۇنداقتىمۇ، چۆمۈلىلەرمۇ جانلىقلاردىن بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ مەسىلە ھەققىدە بىر شېئىر ئارقىلىق شەيخۇلئىسلام ئەبۇسسۇئۇد ئەپەندىدىن مۇنداق پەتىۋا سورايدۇ:

«چۆمۈلەر مېۋىلىك دەرەخلەرگە قونۇۋالغان ھامان

چۆمۈلىلەرنى مىجىۋېتىش خاتامىدۇر؟»

ئەبۇسسۇئۇد ئەپەندىنىڭ يەنە قانۇنى سۇلتان سۇلايمانغا شېئىر ئارقىلىق بەرگەن مۇنۇ جاۋابى، گويا ئوخشىمىغان بىر تېخنولوگىيە – كۈلتۈر مۇناسىۋىتىگە قارىتا ناھايىتى روشەن ھالدا بېرىلگەن جاۋابتۇر:

«يارنىڭ ھەققى سارايغا كەتكەن چاغدا

چۆمۈلىمۇ ھەققىنى سۇلايماندىن ئالۇر»

ھەر ئىككى قاراشقا ئاساسەن روياپقا چىقىرىلىدىغان تېخنولوگىيە ۋە بۇ تېخنولوگىيەنىڭ ئىنسانىيەتكە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئەلۋەتتە پەرقلىق بولىدۇ.

تېخنولوگىيە بىلەن يېتىپ كەلگەن ئۆز مىللىتىگە ياتلىشىشمۇ جىددىي ئويلىنىشقا تېگىشلىك بىر مەسىلىدۇر.

ئۇنداقتا، قايسى تېخنولوگىيەگە ئېھتىياجىمىز بار؟

تېخنولوگىيەنىڭ شەك – شۈبھىسىز ھالدا كۈلتۈر بىلەن مۇناسىۋىتى بار بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوخشىمىغان كۈلتۈرلەر تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىدىغان تېخنولوگىيەلەرنىڭ ھەممىسى زىيانلىق، دەپ قاراش، ئەقىل ھەم مەنتىققە ئۇيغۇن ئەمەس. ھەربىر كۈلتۈر كۈندىلىك ھاياتنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە ئېقىشى ئىچىدە ئۆز ئېھتىياجلىرىنى قامدايدىغان تېخنولوگىيەلىك لازىمەتلىكلەرنى ئىشلەپچىقىرىدۇ. نېمىنىڭ ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكى ھەققىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىش مۇمكىن. لېكىن ئىنساننىڭ ئېھتىياجلىرىنى ئوخشىمىغان كۈلتۈرلەر ئارقىلىق قامدىغىلى بولمايدۇ، دېيىش مۇمكىن ئەمەس. شۇ ۋەجىدىن، كۈندىلىك ھاياتتا ھەربىر كۈلتۈردىن بولغان ئىنسان ئوخشاش تېخنولوگىيەلەرنى ئىشلەتمەكتە.

بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئوخشىمىغان كۈلتۈرلەردە ئىشلەپچىقىرىلغان تېخنولوگىيەلەرنى پۈتۈنلەي رەت قىلىشقا بولمايدۇ.

«بىلىم خىتايدا بولسىمۇ بېرىپ، ئۆگىنىڭ.» «ھېكمەت مۆمىننىڭ يىتۈك مېلىدۇر.» دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ قورال – ياراغلىرى بىلەن قوراللىنىڭلار.» «كۈچلۈك مۇسۇلمان ئاجىز مۇسۇلماندىن كۆپ ياخشىدۇر» قاتارلىق ھەدىسلەر بىزگە تېخنولوگىيە مەسىلىسىدە ھەم ھۇشيار/ دىققەتلىك بولۇشىمىز ھەم جەڭگىۋار / ئەڭ ياخشىشىنى تاللاپ ئىش كۆردىىغان بولۇشىمىز توغرۇلۇق تەۋسىيەلەردە بولماقتا. تېخنولوگىيە مەسىلىسىدە ئاكتىپچانلىق بىلەن ئىزدىنىشمىزنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئەسكەرتمەكتە. دۈشمەنلەرنىڭ قورال – ياراغلىرى بىلەن قوراللىنىش، بىر مۇسۇلمانغا نىسبەتەن، «باشقا بىر دۆلەتكە ئاتوم بومبىسى تاشلاش» دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرمەيدۇ. «تېخنولوگىيەلەرنى ئۆگىنىشكە، سېتىۋېلىشقا بولىدۇ» دەپ قارايدىغانلارمۇ بۇنداق قىلىشنى تەۋسىيە قىلمىسا كېرەك؟



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر