بورىس جونسوننىڭ ماقالىسى ئىسلام دۈشمەنلىكىنى ئەۋج ئالدۇرۇۋەتتى

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسوننىڭ بۇلتۇر چايشاپلىق ئاياللار ھەققىدە ئېلان قىلغان ماقالىسى ئەنگلىيەدە ئىسلام دۈشمەنلىكىنى ئەۋج ئالدۇرۇۋەتتى.

بورىس جونسوننىڭ ماقالىسى ئىسلام دۈشمەنلىكىنى ئەۋج ئالدۇرۇۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيەدە نەپرەت جىنايەتلىرىنى كۆزىتىدىغان ئاممىۋى تەشكىلات «Tell Mam» نىڭ 2018 – يىللىق دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ئالدىنقى ئايدا باش ۋەزىر بولغان بورىس جونسوننىڭ بۇلتۇر «‹ Daily Telegraph › گېزىتى» دە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە،  قارا چايشاپلىق ئاياللارنى «پوچتا ساندۇقى» ۋە «بانكا بۇلاڭچىسى» غا ئوخشىتىشىدىن كېيىن، دۆلەتتە مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان نەپرەت جىنايەتلىرىدە % 375 ئېشىش كۆرۈلگەن. جۈملىدىن ماقالە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، قارا چايشاپلىق22  ئايال دۇچ كەلگەن جنايەت بىلەن قوشۇلۇپ، 28 نەپرەت جىنايىتى سادىر قىلىنغان. ماقالىنىڭ ئېلان قىلىنىشىدىن كېيىن ئىسلام دۈشمەنلىكىنىڭ ئەۋج ئېلىپ كېتىشىدە مۇھىم رول ئوينىغان ئامىللاردىن بىرى، «بىر مۇسۇلماننى جازالاندۇرغىن» تېمىلىق ئىمزاسىز مەكتۇپ ئارقىلىق باشلانغان ھەرىكەت بولغان . بۇ ھەرىكەت جەريانىدا دۆلەتتە 37 نەپرەت جىنايىتى سادىر قىلىنغان.

مۇسۇلمانلارغا قارشى سادىر قىلىنغان نەپرەت جىنايەتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى رەسمىي ساھەلەردە سادىر قىلىنغان. بۇ، ئىسلام دۈشمەنلىكىنىڭ نورمال ئەھۋالغا ئايلىنىپ قېلىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان.

دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، ئايرىمچىلىق، نەپرەتلىك باياناتلار ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى دۈشمەنلىك قىلىش ھادىسىلىرى ئەنگلىيەدە نەپرەتنىڭ ۋە كۆرەلمەسلىكنىڭ بارغانسېرى يامانلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

ئەنگلىيەدە بۇلتۇر مارت ئېيىدا ئېلان قىلىنغان «بىر مۇسۇلماننى جازانلاندۇغىن كۈنى» تېمىلىق ئوچۇق خەت ئارقىلىق، خەلق ئاممىسى مۇسۇلمانلارغا قارىتا زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى سادىر قىلىشقا تەشۋىق قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر