پېدىگەنلىك پولو

«پېدىگەنلىك پولو» ئېتىش ئۇسۇلى.

پېدىگەنلىك پولو

پېدىگەنلىك پولو

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تۈرك تائاملىرى ئارىسىدا كەم بولسا زادى بولمايدىغان تاماقلاردىن بىرى پولودۇر.تۈرك تائاملىرى ئارىسىدا، سۈيۈق-سەلەڭ تائاملار ۋە كاۋاپلاردىن سىرت يەنە،  پولومۇ دائىم دېگۈدەك كۆزىمىزگە چېلىقىدۇ. گۈرۈچ، بۇلغۇر ياكى ھەر خىل ماكارنالار ئارقىلىق ئېتىلىدىغان، دورا-دەرمانلار بىلەن، گۆش بىلەن، پۇرچاق بىلەن، ياكى مېۋە – چېۋىلەر بىلەن لەززەتلەندۈرۈلىدىغان پولو، ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق تائاملىرىدىن بىرى ئىدى. جۈملىدىن، ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى سارىيىنىڭ ئاشخانىسىدا مەخسۇس پولو ئېتىدىغان ئاشپەزلەر بار ئىدى. بۇ ئاشپەزلەر پولونى سەرخىللاشتۇرۇش ئۈچۈن گۈرۈچ ياكى بۇلغۇرنى ھەر خىل ماتېرىياللار بىلەن بىرلىكتە ئىشلىتەتتى. XVI – ئەسىردە ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ ئاشخانىلىرىدا، گۆشلۈك، كاپۇستىلىق، مېۋە – چىۋىلىك، سامساقلىق، قۇرۇق ئۈزۈملۈك ۋە قىزىلمۇچلۇق پولولارنىڭ ئېتىلىدىغانلىقىنى، يەل – يېمىش ۋە قۇرۇق مېۋە – چىۋىلەرنىڭ قورۇلۇپ، پىشقان پولونىڭ ئۈستىگە تۆكۈلىدىغانلىقىنى ئېيتساق، مەقسىتىمىزنى تېخىمۇ ياخشى چۈشەندۈرەلىشىمىز مۇمكىن. بۈگۈنكى پىروگراممىمىزدا، گۈرۈچ ئىشلىتىلىپ ۋە پېدىگەن بىلەن لەززەتلەندۈرۈلۈپ ئېتىلىدىغان، «پېدىگەنلىك پولو» ئېتىش ئۇسۇلى ھەققىدە مەلۇمات بېرىمىز.

« پېدىگەنلىك پولو» ئېتىش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ماتېرىياللار تۆۋەندىكىچە:

  • 1 يېرىم ئىستاكان گۈرۈچ
  • 2 – 3 دانە پېدىگەن
  • بىر دانە ئۇششاق توغرالغان پىياز
  • بىر دانە رەندىلەنگەن پەمىدۇر
  • بىر ئىستاكان زەيتۇن يېغى
  • ئىككى ئىستاكان سۇ
  • ئىككى تاتلىق قوشۇقى تۇز
  • بىر چاي قوشۇقى قارىمۇچ
  • ئىككى تاتلىق قوشۇقى شېكەر
  • بىر تاتلىق قوشۇقى پىمېنتا
  • بىر تاتلىق قوشۇقى پىننە
  • بىر چاي قوشۇقى دارچىن

«پېدىگەنلىك پولو» ئېتىش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:

  • ئالدى بىلەن، بىر قاچىغا گۈرۈچنى قويۇڭ، ئاندىن، ئۈستىنى يۆگەيدىغان شەكىلدە ئىسسىق سۇ ۋە تۇز ئىلاۋە قىلىپ، 30 مىنۇت قويۇپ قويۇڭ، ئارقىدىن، سوغۇق سۇدا بىرقانچە قېتىم يۇيۇڭ ۋە سۈزۈلۈشىنى كۈتۈڭ.
  • بۇ ئارىلىقتا، پېدىگەنلەرنى سېپىدىن تۆۋەنگە قاراپ سىزىقلىق ھالىتىدە سويۇڭ ۋە قەنت شەكلىدە توغراڭ.
  • قىزارغان چاغدا ياغنى ئەممەسلىكى ئۈچۈن، يېرىم سائەت تۇزلۇق سۇدا قويۇپ قويۇڭ.
  • ئاندىن، سۇدىن چىقىرىپ، ياخشى يۇيۇپ، قۇرۇتقاندىن كېيىن، 2 – 3 ئىستاكان زەيتۇن يېغىدا قىزىتىڭ.
  • زەيتۇن يېغىنىڭ قالغان قىسمىنى بىر قازانغا قويۇپ، ئىسسىتىڭ.
  • رەندىلەنگەن پىيازلارنى ئىلاۋە قىلىڭ ۋە پىيازلار تاكى  يۇمشىغانغا قەدەر قورۇڭ.
  • رەندىلەنگەن پەمىدۇرلارنى پىيازلارغا ئىلاۋە قىلىپ، قورۇشنى داۋاملاشتۇرۇڭ.
  • ئىككى ئىستاكان سۇ، تۇز، شېكەر، قارىمۇچ، پىمېنتا، پىننە ۋە دارچىن قاتارلىقلارنى ئىلاۋە قىلىڭ.
  • سۇ قاينىغان ھامان سۈزۈلگەن گۈرۈچلەرنىمۇ ئىلاۋە قىلىڭ.
  • بىر قېتىم ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئۈستىگە پېدىگەنلارنى يېيىڭ.
  • قازاننىڭ تۇۋىقىنى ياپقاندىن كېيىن، ئالدى بىلەن، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوتتا، سۇ قاينىغاندىن كېيىن بولسا ئاستا ئوتتا، تاكى گۈرۈچ سۇنى ئەمگەنگە قەدەر پىشۇرۇڭ. قازاننى ئوچاقتىن ئالغاندىن كېيىن، قازاننىڭ تۇۋىقى يېپىق ھالەتتە 15 – 20 مىنۇتتەك دەم ياتقۇزۇڭ. ياغاچ چۆمۈچ بىلەن پولو (بىلەن باشقا ماتېرىياللار) نى ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئىستېمال قىلسىڭىز بولىدۇ.


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر