جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا «زەپەر بايرىمى» زىياپىتى بېرىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «30 – ئاۋغۇست ۋە » مۇناسىۋىتى بىلەن «باش قوماندان» سۈپىتى بىلەن جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا زىياپەت بەردى.

erdogan-bahceli.jpg
erdogan.jpg
erdogan.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: زىياپەتتە، جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى تەرىپىدىن  «30 – ئاۋغۇست <زەپەر بايرىمى> ۋە <تۈركىيە ئارمىيەسى بايرىمى كۈنى>» مۇناسىۋىتى بىلەن تەييارلانغان قىسقا ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلدى. فىلىمدە، «بىز بۇ روھنى تونۇيمىز» ئۇرغۇسى ئارقىلىق «مالازگىرت زەپىرى» دىن «مۇستەقىللىق ئۇرۇشى» ۋە «15 – ئىيۇل ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشى» غىچە بولغان ئارىلىقتا ھاياتىدىن ئايرىلغان شېھىتلار ياد ئېتىلدى.

«مىللەت جامەسى» نىڭ ئىمامى ئادەم كامەنەجىنىڭ قۇرئان كەرىمنى تىلاۋەت قىلىشىدىن كېيىن، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان نۇتۇق سۆزلىدى، ھەمدە رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان بىلەن بىرلىكتە زىياپەت ساھەسىدە مېھمانلارغا سالام بەردى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى  رەھبىرى دۆلەت باھچەلى، ئىيى پارتىيەسى رەھبىرى مەرال ئاقشەنەر، ۋەتەن پارتىيەسى رەھبىرى دوغۇ پەرىنچەك، سابىق باش مىنىستىرلاردىن تانسۇ چىللەر بىلەن يولدىشى ئۆزەر چىللەر ۋە شېھىتلارنىڭ يېقىن – يورۇقلىرى بىلەن سەمىمىي سۆھبەتلەشتى ھەم خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

زىياپەتكە قاتناشقان ئاز سانلىق جامائەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىمۇ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ يېنىغا كېلىپ، كۆرۈشتى.

ئەردوغان زىياپەت زالىدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاقار، باش ئىشتاب باشلىقى ياشار گۈلەر ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانى گېنېرال ئۈمىت دۈندار قاتارلىقلار بىلەنمۇ سۆھبەتلەشتى، ھەمدە تۈركىيە مىللىي كوماندىسىنىڭ ماھىرلىرى بىلەنمۇ خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

زىياپەتكە، مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس  فۇئات ئوكتاي، بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى رەھبىرى مۇستافا دەستىجى، سائادەت پارتىيەسى رەھبىرى تەمەل قاراموللائوغلۇ، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ سابىق باشلىقى كۆكسال توپتان، سابىق باش مىنىستىرلاردىن  يىلدىرىم ئاقبۇلۇت، تانسۇ چىللەر، جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئىچكى كابىنتىنىڭ ئەزالىرى، پارلامېنت ئەزالىرى، ئالىي سوت مەھكىمىلىرىنىڭ باشلىقلىرى، جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن، جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن، جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى مەدەنىيەت – سەنئەت سىياسەتلىرى كېڭىشىنىڭ ئەزاسى ۋە كىنو ئارتىسى ھۈليا قوچيىگىت، بىيۇروكراتلار ۋە كۆپ ساندا مېھمانلار تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.

شېھىتلارنىڭ يېقىن – يورۇقلىرى ۋە غازىلارمۇ قاتناشقان زىياپەتكە، ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئورگانلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، يازغۇچىلار، بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرى، ئاكادېمىكلار ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتناشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر