پەرۋەردىگارىڭلار (قىلمىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەرنى ئالدىراپ جازالىمىغانلىقتىن) كەڭ رەھمەت ئىگىسىدۇر

(ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە مەغرۇر بولماڭلاركى) ئاللاھنىڭ ئازابى گۇناھكار قەۋمدىن قايتۇرۇلمايدۇ.

پەرۋەردىگارىڭلار (قىلمىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەرنى ئالدىراپ جازالىمىغانلىقتىن) كەڭ رەھمەت ئىگىسىدۇر

پەرۋەردىگارىڭلار (قىلمىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەرنى ئالدىراپ جازالىمىغانلىقتىن) كەڭ رەھمەت ئىگىسىدۇر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئەنئام سۈرىسى، 147 – 151 - ئايەتلەر (ئى مۇھەممەد!) ئەگەر ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار) سېنى ئىنكار قىلسا، سەن: «پەرۋەردىگارىڭلار (قىلمىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەرنى ئالدىراپ جازالىمىغانلىقتىن) كەڭ رەھمەت ئىگىسىدۇر، (ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە مەغرۇر بولماڭلاركى) ئاللاھنىڭ ئازابى گۇناھكار قەۋمدىن قايتۇرۇلمايدۇ» دېگىن[147]. مۇشرىكلار: «ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، بىز ۋە ئاتا ـ بوۋىلىرىمىز شېرىك كەلتۈرمەيتتۇق ۋە ھېچ نەرسىنى ھارام قىلمايتتۇق» دەيدۇ. ئۇلاردىن بۇرۇنقى كىشىلەر تاكى (بىزنىڭ ئازابىمىز نازىل بولۇپ) ئازابىمىزنى تېتىغانغا قەدەر (ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى) مۇشۇنداق (يەنى مۇشرىكلار سېنى ئىنكار قىلغاندەك) ئىنكار قىلغان ئىدى. (ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «سۆزۈڭلارنىڭ راستلىقىغا پاكىتىڭلار بولسا، بىزگە چىقىرىپ كۆرسىتىڭلار، سىلەر پەقەت گۇمانغىلا ئاساسلىنىسىلەر، ئاللاھقا پەقەت يالغاننى چاپلايسىلەر»[148]. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «(سىلەرنىڭ پاكىتىڭلار بولمىسا) ئاللاھنىڭ ئېنىق پاكىتى بار، ئەگەر ئۇ خالىسا ھەممىڭلارنى، ئەلۋەتتە، ھىدايەت قىلاتتى»[149]. (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) «ئاللاھ بۇنى ھارام قىلدى، دەپ گۇۋاھلىق بېرىدىغان گۇۋاھچىلىرىڭلارنى چاقىرىپ كېلىڭلار» دېگىن، ئەگەر ئۇلار (ھازىر بولۇپ يالغاندىن) گۇۋاھلىق بەرسە، ئۇلارغا قوشۇلۇپ گۇۋاھلىق بەرمىگىن (چۈنكى ئۇ پۈتۈنلەي يالغاندۇر). بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان ۋە ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن، ئۇلار پەرۋەردىگارىڭغا شېرىك كەلتۈرىدۇ[150]. ئېيتقىنكى، «سىلەر كېلىپ (ئاڭلاڭلار)، ئاللاھ ھارام قىلغان نەرسىلەرنى سىلەرگە ئوقۇپ بېرەي: سىلەر ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەڭلار، ئاتا ـ ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار، نامراتلىقتىن قورقۇپ بالاڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار، بىز ئۇلارغا ۋە سىلەرگە رىزىق بېرىمىز، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن يامان ئىشلارغا يېقىن كەلمەڭلار، ئاللاھنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىپ (ناھەق) ئادەم ئۆلتۈرمەڭلار، ھەقلىق رەۋىشتە ئۆلتۈرۈش بۇنىڭدىن مۇستەسنا. سىلەرنىڭ چۈشىنىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە بۇ ئىشلارنى تەۋسىيە قىلىدۇ[151].



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر