قارا تەنلىك يازغۇچى تونى موررىسون ۋاپات بولدى
نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئامېرىكالىق تۇنجى قارا تەنلىك يازغۇچى تونى موررىسون (Toni Morrison) ئالەمدىن ئۆتتى.
1249097
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئامېرىكالىق تۇنجى قارا تەنلىك يازغۇچى تونى موررىسون ئالەمدىن ئۆتتى.
يازغۇچى تونى موررىسوننىڭ باياناتچىسى ئالفېرد كنوپ (Alfred Knopf) تۋىتتېردا ئېلان قىلغان باياناتىدا، 88 ياشلىق يازغۇچىنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
تونى موررىسون 1993-يىلى نوبېل ئەدەبىيان مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تۇنجى قارا تەنلىك يازغۇچى بولغان ئىدى. ئۇنىڭ 11 ئەسىرى بار. 1998-يىلى «سۆيۈلگەن» دەپ تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنغان «بېلاۋد» (Beloved) ناملىق رومانى «پۇلىتزېر» (Pulitzer) مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈلگەن ئىدى.
سابىق پىرېزىدېنت باراك ئوباما 2012-يىلى ئۇنى «ئەركىنلىك مېدالى» بىلەن تەقدىرلىگەن ئىدى.