ئولتۇ تېشى ھەققىدە نېمىلەرنى بېلىسىز؟

دىدەم ئۆزتاشباشى تەرىپىدىن تەييارلانغان «بىلىۋېلىڭ» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «ئولتۇ تېشى» غا دائىر ئۇچۇرلارنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

ئولتۇ تېشى ھەققىدە نېمىلەرنى بېلىسىز؟

ئەرزۇرۇمدىن چىقىدىغان ئولتۇ تېشىنىڭ دۇنيانىڭ ئەڭ قەدىمىي زىننەت ئەشيالىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟

ئىنسان ئەۋلادىنىڭ ھازىرغىچە مەلۇم بولغان ئەڭ قەدىمىي زىننەت ئەشيالىرىنىڭ بىرى بولغان ئولتۇ تېشى، ئەرزۇرۇمنىڭ ئەڭ مۇھىم سىمۋوللىرىنىڭ بىرىدۇر ۋە ئۇنىڭ ئەڭ سۈپەتلىكىمۇ ئۇ يەردىن چىقىدۇ. چىقىرىش قىيىن، زاپىسى ئاز بولغان ئولتۇ تېشىنى زىننەت بۇيۇمىغا ئايلاندۇرۇش ئاساندۇر. ئولتۇ رايوندىكى يۈزلەرچە ئائىلىنىڭ تۇرمۇش مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ.

مەدەن زاپىسىنىڭ ئاز، چىقىرىلىشىنىڭ قىيىن بولۇشى ئولتۇ تېشىنىڭ قىممىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. يەردىن چىقىرىلغاندا ناھايىتى يۇمشاق بولسىمۇ، ھاۋا بىلەن ئۇچرىشىشى ۋە پىششىقلاپ ئىشلىنىشى جەريانىدا بارغانچە قاتتىقلىشىپ كېتىدۇ. رەڭگى ئومۇمەن قارا، ئاندا – ساندا قەھۋە كېلىدىغان تاش ئىشلىتىلگەنسېرى پارقىرايدۇ. ھەر بىر ئۇستا بىر ھەيكەلتىراش مىسالى ئەستايىدىللىق بىلەن ئىشلەيدۇ ۋە تاشلار بولۇپكىدىن مونچاققىچە، تاماكىداندىن ئۈزۈككىچە بولغان ناھايىتى كۆپ زىننەت ئەشياسىغا ئايلىنىدۇ. بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ئەڭ كۆپ ئىشلەپچىقىرىلغان ۋە ئەڭ تونۇلغانلىرى تەسبىھلەردۇر. ئولتۇ تېشى تەسبىھلىرىنىڭ نامى تۈركىيە سىرتىدىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەرگىچە تارقالدۇر.

ئۆتمۈشى 200 يىلغا يېتىدىغان ئولتۇ تېشى ھۆنەرۋەنچىلىكىنىڭ ھەقىقىي ئەھمىيىتى جۇمھۇرىيەت دەۋرىدە نامايان بولدى.

 

مەنبە: مۇناسىۋەتلىك تور بەتلەر


خەتكۈچ: ئولتۇ تېشى

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر