تىنچلىق بۇلىقى ھەرىكىتى

مەقسەت خاتىرجەملىك
نىشان تېررورلۇق

« The Network» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم گېرمانىيەدە قويۇلدى

« The Network» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىندا قويۇلدى.

« The Network» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم گېرمانىيەدە قويۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ لايىھەسى دائىرىسىدە TRT World تەرىپىدىن ئىشلەنگەن ۋە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ ھەقىقىي ئەپت – بەشىرىسى ئېچىپ تاشلانغان « The Network» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم، بېرلىندىكى «ئەلھەمرا» كىنوخانىسىدا قويۇلدى.

دۇنياغا داڭلىق ئىنگىلىز ژۇرنالىست ئاندرېۋ ۋىلسون تەرىپىدىن ئىشلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىم تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

تۈركىيەنىڭ بېرلىن باش ئەلچىسى ئەلى كەمال ئايدىن، بېرلىن باش كونسۇلى مۇستافا چەلىك، ئەلچى مەسلىھەتچى ئۇفۇق گەزەر قاتارلىقلارمۇ ھۆججەتلىك فىلىمنى كۆرۈش پائالىيىتىگە قاتناشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر