«قېچىش پىلانى -3» 12 - ئىيۇلدا تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ

ئامېرىكىلىق ئارتىس سايلۋېستېر ستاللون باش رول ئالغان «قېچىش پىلانى -3» ناملىق فىلىم 12 – ئىيۇلدا تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ.

1233629
«قېچىش پىلانى -3» 12 - ئىيۇلدا تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇنىڭدىن بۇرۇن «روكي»، «رامبو»، «جەھەننەم پەرىشتىلىرى» غا ئوخشاش فىلىملەردە كىنو سۆيەرلەرنىڭ بىلەن دىدارلاشقان ستاللون، بۇ قېتىم «قېچىش پىلانى» فىلىمنىڭ ئاخىرقى ھالقىسىدا تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ.

فىلىمدا خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى راي برېسلىننىڭ رولىنى ئالغان 73 ياشلىق ئارتىسقا دېيۋ باتىستا، 50 سېنت، جىن جاڭ، لايدىئا ھۇلغا كىشىلەر ھەمراھ بولىدۇ.

«ھازىر ئىنتىقام پەيتى» دېگەن شوئار بىلەن چىققان فىلىمدا، ستاللوننىڭ تۇنجى قېتىم بولماستىن راست ئۇرۇش سەھنىسىگە ئورۇن بېرىلىدۇ.

فىلىم ئىشلەش ۋەزىپىسىنى جون ھېرزفېلد ئۈستىگە ئالغان فىلىمنىڭ سېنارىيەسىنى مايلېس چاپمان بىلەن جون ھېرزفېلد يازغان.

فىلىم، دۈشمەنلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، پۇرسەتنى قاچۇرۇپ قويماستىن گۆرۈدىكىلەرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھايات – ماماتلىق قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىگە ئۆتكەن برېسلىن ۋە ئادەملىرىنىڭ ھېكايىسىنى تېما قىلىدۇ.


خەتكۈچ: #رامبو , #فىلىم

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر