8 – نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ

تۈركىيە سىرتىدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەر ئورگىنى تەرىپىدىن 8 – نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

1229411
8 – نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە سىرتىدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەر ئورگىنى تەرىپىدىن ئەنئەنىۋى شەكىلدە داۋاملاشتۇرۇلۇۋاتقان خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىنىڭ 8 – قېتىملىقى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا ئەنقەرە سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ يىغىن زالىدا ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مۇھىم بىر مائارىپ مەركىزىگە ئايلانغان تۈركىيە، تۈركىيە سىرتىدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەر ئورگىنىنىڭ «تۈركىيەنىڭ ئوقۇش ياردەم پۇلى» پىروگراممىسى ئارقىلىق، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن تۈركىيەگە كەلگەن خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلارغا ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇش پۇرسىتى يارىتىپ بەرمەكتە.

تۈركىيەدىكى ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا باكلاۋۇرلۇق، ماگېستىرلىق ۋە دوكتورلۇق سەۋىيەلىرىدە بىلىم ئاشۇرغان خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۆز دۆلەتلىرىگە قايتىپ، ئۆز خەلقىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن خىزمەت ئىشلىمەكتە.

تۈركىيەدە باشتىن كەچۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئوقۇش ھاياتىدىن كېيىن ئوقۇش پۈتتۈرۈشنىڭ چەكسىز قاينىمىدا شادلق تەنتەنىسى قىلىدىغان خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار، ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدىن كېيىن، دۆلىتىمىز بىلەن خۇشلىشىدۇ.

بۇ ئارىلىقتا، تۈركىيە سىرتىدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەر ئورگىنى تۈركىيەدە ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز دۆلەتلىرىگە قايتقاندىن كېيىنمۇ يالغۇز تاشلاپ قويمايدۇ.

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا «تۈركىيەدە  ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەرنى ئۇچراشتۇرۇش» پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرىدىغان تۈركىيە سىرتىدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەر ئورگىنى، دۆلەتلەر ئارا سىياسىي، مەدەنىيەت، ئىقتىسادىي ۋە سودا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈلۈشىگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشماقتا.

تۈركىيەنىڭ كۆڭۈل رىشتىسى ئەلچىلىرى ھېسابلىنىدىغان «تۈركىيەدە ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار» 160 دۆلەتتىكى 150 مىڭغا يېقىن ئەزاسى بىلەن ناھايىتى چوڭ ئائىلىنى تەشكىل قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر