گوللاندىيەدە ۋېلىسىپىت مىنگۈچىلەرنىڭ يانفۇن ئىشلىتىشى مەنئىي قىلىندى

گوللاندىيەدە ۋېلىسىپىت مىنگەن چاغدا يانفۇندا سۆزلىشىش مەنئىي قىلىندى.

1228246
گوللاندىيەدە ۋېلىسىپىت مىنگۈچىلەرنىڭ يانفۇن ئىشلىتىشى مەنئىي قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گوللاندىيە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە سۇ ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، گوللاندىيەدە بۈگۈندىن ئېتىبارەن ۋېلىسىپىت مىنگەن چاغدا يانفۇن بىلەن سۆزلىشىش، تاختا كومپىيۇتېر،  مۇزىكا ئاڭلاش (قويۇش) ئاپپاراتى ۋە كامېرا قاتارلىق ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىش مەنئىي قىلىنىدىكەن. بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغۇچىلار 95 ياۋرو جازا تۆلەيدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر