ئايلا بوۋاقنىڭ ھاياتى فىلىم قىلىپ ئىشلىنىدۇ

سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇشتىن قېچىپ، گىرېتسىيەگە ئۆتۈپ كېتىش جەريانىدا يەل قولۋاقنىڭ سۇغا چۆكۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە جېنىدىن ئايرىلغان ئايلا بوۋاقنىڭ ھاياتى فىلىم قىلىپ ئىشلىنىدۇ.

ئايلا بوۋاقنىڭ ھاياتى فىلىم قىلىپ ئىشلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇشتىن قاچقان ئائىلەنىڭ دېڭىزدا يەل قولۋاق بىلەن گىرېتسىيەگە ئۆتۈپ كېتىش جەريانىدا سۇغا چۆكۈپ كېتىشى سەۋەبىدىن جانسىز بەدىنى مۇغلانىڭ بودرۇم ناھىيەسىنىڭ ساھىلىدا تېپىلغان ئۈچ ياشلىق ئايلانىڭ ھاياتى فىلىم قىلىپ ئىشلىنىدۇ.

2015-يىلى يۈز بەرگەن ۋەقە، يەرلىك ئارتىسلار ۋە ھوللىۋۇد چولپانلىرىنىڭ رول ئېلىشىدا فىلىم قىلىپ ئىشلىنىدۇ. يېقىنقى كۈنلەردە بودرۇمنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا، فىلىمنى سۈرەتكە ئېلىش ئىشلىرى باشلاندى. فىلىم مەسئۇللۇقىنى جورج ئېد (George Edde) ۋە باھاتتىن ئۆزتۈرك ئۆز ئۈستىگە ئالدى. رېژىسسورلۇقىنى ئۆمەر سارىكايا ئۈستىگە ئالدى.

رېژىسسور ئۆمەر سارىكايا مەزكۇر فىلىمنىڭ مۇساپىرلار ئۈچۈن مۇھىم سىگنال بولۇشىنى مەقسەت قىلغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ: «بۇ ۋەقە يۈز بەرگەندە ھېچقانداق قىلىپ ئۇخلىيالمىدىم. ۋەقە كاللامغا كىرىۋالدى. ئىنشائاللاھ، بىرى بۇنى فىلىم قىلىپ ئىشلەر ۋە دۇنياغا سىگنال بېرەر دەپ ئويلىدىم. ئەمما، ھازىرغىچە بۇنى ھېچكىم قىلمىدى، بۇنى قىلىش ماڭا نېسىپ بولدى» دېدى.

ئۇ فىلىمنىڭ سېنارىيەسىنى ئۆزىنىڭ يازغانلىقىنى ۋە يازغاندا ناھايىتى ھاياجانلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ساھىلغا ئۇرۇلغان بوۋاق ئەمەس، بەلكى دۇنيانىڭ ئەيىبىدۇر. فىلىمنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى بارلىق كىرىملىرىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. ھېچقايسى ئارتىسىمىز ھەق ئالمايدۇ، ھەممە كىشى چىن قەلبى بىلەن بۇ فىلىمدە رول ئالىدۇ. دۇنيادىكى چولپانلاردىن ستېۋېن سېگالمۇ بۇ فىلىمدە رول ئالىدۇ» دېدى.

ئۇ فىلىمنىڭ سۈرەتكە ئېلىش ئىشلىرىنىڭ 20-ئىيۇلدا ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

فىلىمدە رول ئالغان شوتلاندىيەلىك ھوللىۋۇد كىنو ئارتىسى مايك مىچېل (Mike Mitchell) مەزكۇر فىلىم دۇنياغا مۇساپىرلار مەسىلىسىدە مۇھىم سىگنال بېرىدۇ، دەپ ئويلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ: «تۈركىيەنى ناھايىتى ياخشى كۆرىمەن. بۇ فىلىمدە كاپتاننىڭ رولىنى ئالدىم. كىشىلەر فىلىمدە مېنى سەلبىي پېرسوناژ سۈپىتىدە بىلىدۇ، ئەمما مەن يامان ئادەم ئەمەس. كىشىلەرگە ياردەم قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەمنىڭ رولىنى ئالدىم» دېدى.

فىلىمدە رول ئالغان تۈرك ئارتىس ئايدان چاكىر مۇنداق دېدى:

«ھەممىمىزنىڭ ئورتاق چۈشەنچىسى، قونچاقلارنىڭ ئۆمرى بالىلارنىڭ ئۆمرىدىن ئۇزۇن بولۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، بالىلارنىڭ ئۆلمەسلىكى، ئۆلتۈرۈلمەسلىكى ۋە كۈلۈپ ئويناپ بالىلىقىنى ياشىيالىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر