ئەمىنە ئەردوغان ياپونىيەدە دۆلەت باشلىقلىرى خانىملىرىنىڭ پىروگراممىسىغا قاتناشتى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان ياپونىيەنىڭ ئوساكا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن G20 دۆلەت گۇرۇھى يىغىنىنىڭ رەسمىي دۆلەت باشلىقلىرى خانىملىرى پىروگراممىسىغا ئىشتىراك قىلدى.

1226971
ئەمىنە ئەردوغان ياپونىيەدە دۆلەت باشلىقلىرى خانىملىرىنىڭ پىروگراممىسىغا قاتناشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە بىرىنچى خانىمى ئاكىيا يېبى (Akie Abe) نىڭ ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن پىروگراممىدا، ئەمىنە ئەردوغاندىن باشقا، ئارگېنتىنا، كانادا، ئىسپانىيە، ئاۋستىرالىيە، جەنۇبىي كورېيە، فىرانسىيە، ھىندونېزىيە، ياپونىيە، سىنگاپور، چىلى قاتارلىق دۆلەتلەر باشلىقلىرى ۋە بەزى خەلقئارالىق تەشكىلاتلار باشلىقلىرىنىڭ خانىملىرىمۇ قاتناشتى.

ئوساكا شەرقىي باغچىسىدا ئەنئەنىۋى ياپون چاي مۇراسىمى بىلەن كۈتۈۋېلىشتىن كېيىن، ئاكىيا يېبى ھەر قايسى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ خانىملىرىنى كۆلچەكتىكى بېلىقلارغا يەم تاشلاشقا تەكلىپ قىلدى. ئارقىدىن بىرىنچى خانىملار كيوتودىكى توفۇكۇ ئىبادەتخانىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە راھىپلارنىڭ تسۇزۇمى دۇمباق ماھارىتىنى تاماشا قىلدى. بىرىنچى خانىملار ئىبادەتخانا زىيارىتىدىن كېيىن، چۈشلۈك تاماق زىياپىتىدە بىر يەرگە جەم بولۇپ، بىر-بىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى.

ئەمىنە ئەردوغان پىروگرامما ئاخىرىدا، بىرىنچى خانىملار بىلەن بىرلىكتە سۈرەتكە چۈشتى.

ئەمىنە ئەردوغان تۋىتتېردا پىروگرامما ھەققىدە ئۇچۇر ھەمبەھىرلەپ مۇنداق دېدى:

«G20دۆلەت گۇرۇھى يىغىنىنىڭ رەسمىي دۆلەت باشلىقلىرى خانىملىرى پىروگراممىسىدا، ياپونىيەنىڭ بىرىنچى خانىمىنىڭ ھەمراھلىقىدا كيوتو توفۇكۇجى ئىبادەتخانىسىدا دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئاياللىرى بىلەن كۆرۈشتۇق. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۆلەتنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئىبادەتخانىلىرىدىن بىرىنى زىيارەت قىلغانلىقىمدىن مەمنۇنلۇق ھېس قىلدىم.»

ئۇ پىروگراممىدا چۈشكەن سۈرەتلىرىنىمۇ ھەمبەھىرلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر