ئامېرىكادا ئەبرۇ رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى

ئامېرىكادا تۈركلەر زىچ توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان نىيۇ جېرسىي ئىشتاتىنىڭ پاتېرسون (Paterson) شەھىرىدە ئېچىلغان ئەبرۇ رەسىم كۆرگەزمىسى زور قىزىقىش قوزغىدى.

1219656
ئامېرىكادا ئەبرۇ رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈرك ئەبرۇ سەنئەت كارخانىسى تەرىپىدىن پاتېرسون مۇزېيىدا ئېچىلغان كۆرگەزمىگە، پاتېرسون شەھەر باشلىقى ئاندرې سېيىگ (Andre Sayegh)، پروسپېكت باغچىسى (Prospect Park) رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ باشلىقى مۇھەممەد ت.خەيرۇللاھ (Mohamed T. Khairullah)، رايونلۇق پارلامېنت ئەزالىرى، شۇ يەردە ياشاۋاتقان تۈركلەر ۋە ئامېرىكالىق سەنئەت ھەۋەسكارلىرى قاتناشتى.

تۈرك ئەبرۇ سەنئىتى كارخانىسىنىڭ قۇرغۇچىسى، كۆرگەزمىنى تەشكىللىگۈچى ۋە ئەبرۇ سەنئىتى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن رابىيە ك.گۈندوغدۇ 13 ئوقۇغۇچىسى بىلەن بىرلىكتە ئامېرىكادا ئاچقان بۇ تۇنجى قېتىملىق كۆرگەزمىگە 50 ئەسەرنىڭ قويۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

2017-يىلىدىن بۇيان ئامېرىكادا ئەبرۇ سەنئىتى دەرسى بېرىپ كېلىۋاتقان رابىيە گۈندوغدۇ: «ئەنئەنىۋى ئۇسۇللار بويىچە ئۇستام-شەگىرت مۇناسىۋىتى ئارقىلىق بۇ سەنئەتنى ئامېرىكادا ياشىتىشقا، ئۆگىتىشكە ۋە تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە يەتكۈزۈشكە تىرىشىۋاتىمىز» دېدى.

ئۇ كۆرگەزمە ئېچىلغان بىرىنچى كۈندىن باشلاپلا باشقا شەھەرلەردىن كۆرگەزمە ئېچىش تەكلىپلىرىنىڭ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

پاتېرسون شەھەر باشلىقى ئاندرې سېيىگ كۆرگەزمىنى ئىنتايىن ياقتۇرغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بىر-بىرىدىن گۈزەل، كاتتا ئەسەرلەر، بۇلاردىن ھەيران قالدىم. تۈركلەرگە ھەيران قالىمەن، ئۇلار ھەر ئىشنى ناھايىتى چىرايلىق قىلىدۇ» دېدى.

كۆرگەزمىدە، شەھەر باشلىقى ئاندرې سېيىگقا بىر ئەبرۇ رەسىمى ھەدىيە قىلىندى. كۆرگەزمە 16-ئىيۇن باشلانغان بولۇپ، 27-ئىيۇنغىچە داۋاملىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر