ئىسرائىلىيەلىك مودېل: تۈركىيەنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىمەن

ئىسرائىلىيەلىك مودېل بار رېفائېلى تۈركىيەنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىسرائىلىيەلىك مودېل: تۈركىيەنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىمەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيەلىك مودېل بار رېفائېلى ئانتاليادا ئۆتكۈزۈلگەن «Dosso Dossi Fashion Show» ناملىق مودا كىيىم كۆرگەزمىسىگە قاتناشتى.

 ئۇ مودا كىيىم كۆرگەزمىسىدىن كېيىن ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، تۈركىيەنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە ئۆيۈمگە ناھايىتى يېقىن. تۈرك ئاياللار رەتلىك كىيىنىش ۋە تەرتەىپلىك ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ. تۈركىيەنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىمەن. تۈركىيەدە مەن تونۇيدىغان بىردىنبىر مەشھۇر شەخس نۇسرەت گۆكچەدۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر