شىۋېتسىيەدە «تۈرك مەدەنىيىتى» تونۇشتۇرۇلدى

شىۋېتسىيەنىڭ پايتەختى سىتوكھولمدا  ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان 30 دۆلەتنىڭ باش ئەلچىلىرى ۋە دىپلوماتىك ۋاكالەتخانىلىرىنىڭ مەسئۇللىرىنىڭ رەپىقىلىرىغا «تۈرك مەدەنىيىتى» تونۇشتۇرۇلدى.

1216377
شىۋېتسىيەدە «تۈرك مەدەنىيىتى» تونۇشتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىۋېتسىيەدە تۇرۇشلۇق خەلقئارا ئاياللار جەمئىيىتى تەرىپىدىن تۈركىيەنىڭ شىۋېتسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى قورۇسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ۋە تۈركىيەنىڭ سىتوكھولم باش ئەلچىسى ھاققى ئەمرە يۇنتنىڭ رەپىقىسى فىگەن يۇنت ساھىبخانىلىق قىلغان  «تۈرك مەدەنىيىتى» نى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىنىڭ يېپىلىشىغا، خەلقئارا ئاياللار جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى تېرېسې ئاندېرسسون، دىپلوماتلارنىڭ رەپىقىلىرى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى رېئېم ماگۇئىد ئامىندىن باشقا يەنە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، رۇسىيە قاتارلىق 30 دۆلەتنىڭ باش ئەلچىلىرى ۋە دىپلوماتىك ۋاكالەتخانلىرى مەسئۇللىرىنىڭ رەپىقىلىرى ئىشتىراك قىلدى.

پائالىيەتتە، مېھمانلارغا «تۈرك قەھۋەسى»، «تۈرك چېيى» ۋە تۈرك لوقۇمى» ئېكرام قىلىندى، ھەمدە «تۈرك گىلەملىرى» ۋە تۈرك كىگىزلىرى» دىن سىرت يەنە، «ئەنئەنىۋى  تۈرك كىيىم – كېچەكلىرى» تونۇشتۇرۇلدى.

پائالىيەتتە يەنە، دۆلەتلىك ئوپېرا ۋە بالېت ئۇسسۇلى سەنئەتچىسى سوپرانو بۇرجۇ بۈكەم قۇرۇ مېھمانلارغا كونسېرت بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر