دوكتور ئەمرە ئوجاق تېببىي ساھەنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

دوكتور ئەمرە ئوجاق «ئىچكى قۇلاققا نانو زەررىچىسى ئارقىلىق دورا يوللاش» تېمىلىق تەتقىقاتى بىلەن تېببىي ساھەنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

دوكتور ئەمرە ئوجاق تېببىي ساھەنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاڭلاش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىشى ۋە قۇلاق غوڭۇلداش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى ئېنىقلاپ چىقىدىغان بيىر  جەمئىيەت بولغان  «< Politzer > جەمئىيىتى»، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا قۇلاق كېسەللىكلىرىنى تەتقىق قىلىش جەھەتتىن ئەڭ مۇھىم مۇكاپات ھېسابلىنىدىغان  «< Politzer > مۇكاپاتى» غا، بۇ يىل ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى قۇلاق-بۇرۇن-بوغۇز كېسەللىكلىرى ۋە خىرۇرگىيە بۆلۈمىدىن دوكتور ئەمرە ئوجاقنى لايىق كۆردى.

دوكتور ئوجاق، «ئىچكى قۇلاققا نانو زەررىچىسى ئارقىلىق دورا يوللاش» تېمىلىق تەتقىقاتى بىلەن بۇ مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلدى.

ئىگىلىنىشىچە،  بۇ جەرياندا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر، بولۇپمۇ ئىچكى قۇلاق كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاڭلاش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىشى  ۋە كۆپلىگەن تەڭپۇڭسىزلىق كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتا مۇھىم رول ئوينايدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر