نىيۇ يوركتا تۈرك كۈنى ئۆتكۈزۈلدى

ئامېرىكانىڭ نىيۇ يورك شەھىرىدىكى برۇكلىن رايونى ئاي يۇلتۇزلۇق قىزىل رەڭگە پۈركەلدى.

1215546
نىيۇ يوركتا تۈرك كۈنى ئۆتكۈزۈلدى
turk gunu abd.jpg
turk gunu abd.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكانىڭ نىيۇ يورك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «تۈرك كۈنى» گە يۈزلەرچە تۈرك قاتناشتى ۋە جۇشقۇن كەيپىيات ئىچىدە بىر كۈن ئۆتكۈزدى. تۈرك كۈنىنى تەبرىكلەش مۇراسىملىرىغا، تۈركىيە ئەدلىيە مىنىستىرى ئابدۈلھامىت گۈل، مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياۋۇز سەلىم كىران، ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچى سەردار قىلىچ، تۈركىيەنىڭ ب د ت دىكى دائىمىي ۋەكىلى فەرىدۇن سىنىرلىئوغلۇ، برۇكلىن رايونىنىڭ باشلىقى ئېرىك ئادامس (Eric Adams) قاتناشتى.

ئەدلىيە مىنىستىرى ۋە ئۇنىڭغا ھەمراھ بولغان ھەيئەت تۈرك كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېچىلغان كۆرگەزمىلەرنى زىيارەت قىلدى ۋە كىشىلەر بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئابدۈلھامىت گۈل تۈرك كۈنىگە قاتناشقان يۈزلەرچە كىشىگە خىتاب قىلىپ: «سىلەر قانچىلىك كۈچلۈك بولساڭلار، دۆلىتىمىز شۇنچىلىك كۈچلۈك بولىدۇ. دۆلىتىمىز قانچىلىك كۈچلۈك بولسا، دۇنيا تىنچلىقى ۋە خاتىرجەملىكى شۇنچىلىك كۈچلۈك بولىدۇ» دېدى.

برۇكلىن رايونىنىڭ باشلىقى ئېرىك ئادامسمۇ مۇراسىمدا سۆز قىلدى. ئۇ: «قېرىنداشلىرىم، مەن ئىنگىلىزچە سۆزلىشىدىغان خەلقلەرنىڭلا ئەمەس، بەلكى رايوندىكى ھەممە خەلقنىڭ باشلىقى. برۇكلىن ئامېرىكانىڭ ئىستانبۇلىدۇر» دېدى.

نىيۇ يورك ساقچى ئىدارىسىدا خىزمەت قىلىدىغان بەزى تۈرك ساقچىلارمۇ تۈرك كۈنىگە قەدەم تەشرىپ قىلدى. نىيۇ يورك ساقچىلىرى ئىستىقلال مارشىنى بىرلىكتە ئوقۇغاندا جۇشقۇنلۇق كەيپىيات تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە چىقتى. دۇنيانىڭ ئەڭ قەدىمكى مەھتەران ئەترىتى ئورۇنلىغان مۇڭلۇق تۈرك خەلق مۇزىكىلىرى برۇكلىندا ئەكس سادا پەيدا قىلدى.

تۈرك كۈنى مۇستافا ساندالنىڭ كونسېرتى بىلەن ئاخىرلاشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر