گېرمانىيەدە جامەلەر ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

گېرمانىيەدە ئىككى جامە زوراۋانلارنىڭ  ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.

گېرمانىيەدە جامەلەر ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيەنىڭ برېمېن شەھىرىگە جايلاشقان «راخمان جامەسى» دە تەخمىنەن 50 دانە قۇرئان كەرىم ۋەيران قىلىۋېتىلدى، كاسسۋېلدىكى مەركەز جامەسىمۇ تاشلىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.

گېرمانىيەنىڭ ھېسسېن ئۆلكىسىنىڭ كاسسېل شەھىرىدىكى تۈرك – ئىسلام بىرلىكى تەشكىلاتىغا قاراشلىق مەركەز جامەسى نامەلۇم كىشى ياكى كىشىلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.

كاسسېل مەركەز جامەسى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى سەيفەتتىن ئەريۆرۈك، جامەلەرنىڭ جامائەت يوق ۋاقىتتا تاشلىق ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى، ھۇجۇمدا جامەنىڭ دەرىزىلىرىنىڭ چېقىلىپ كەتكەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ھەمدە جاۋابكارلارنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قولغا چۈشۈرۈلۈشىنى تەلەپ قىلدى.

ئالدىنقى يىللاردىمۇ مەزكۇر جامە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تەرەپدارلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، لېكىن جاۋابكارلار قولغا چۈشمىگەنىدى.

برېمېندا بولسا باشقۇرۇش ھەيئىتىدە ئافغانىستانلىقلار ۋە پاكىستانلىقلار كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان «راخمان جامەسى» دە تەخمىنەن 50 دانە قۇرئان كەرىم يىرتىپ تاشلانغان، بىر قىسمى خالاغا تاشلىۋېتىلگەنىدى.

قەبىھ ھۇجۇم سەۋەبىدىن برېمېندا  ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلار ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بەتلىرىدىكى سەھىپىلىرىدە بۇنىڭدىن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى ھەم نارازىلىقلىرىنى ئىپادىلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر