تۈركىيە نەشرىياتچىلىق ساھەسىدە دۇنيا بويىچە خېلى ئالدىدا تۇرىدۇ

تۈركىيە نەشرىياتچىلىق ساھەسىدە دۇنيا بويىچە 6-ئورۇندا تۇرىدۇ.

تۈركىيە نەشرىياتچىلىق ساھەسىدە دۇنيا بويىچە خېلى ئالدىدا تۇرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە نەشرىياتچىلىق ساھەسىدە دۇنيا بويىچە 6-ئورۇندا تۇرىدۇ.

تۈركىيە گىرۇزىيەنىڭ پايتەختى تىبىلىستە كېلەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان 22-نۆۋەتلىك تىبىلىس خەلقئارا كىتاب يەرمەنكىسىنىڭ شەرەپ مېھمىنى بولدى.

گىرۇزىيە مائارىپ مىنىسىرلىقى بىلەن تىبىلىس شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ھەمكارلىقى ئاستىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان 30-مايدا باشلانغان 21-نۆۋەتلىك تىبىلىس خەلقئارا كىتاب يەرمەنكىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

گىرۇزىيە خەلقئارا يەرمەنكە زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمغا تۈركىيەنىڭ تىبىلىس ئەلچىسى فاتما جەرەن يازگان، تۈركىيە نەشرىياتچىلىق ئۇيۇشمىسى تەشكىلىي ھەيئەت باشلىقى ئەمراھ كىساكۈرەك، ئىستانبۇل سودا ئۇيۇشمىسى تەشكىلىي ھەيئەت باشلىقى ئىسراپىل كۇرالاي، تۈركىيە نەشرىياتچىلار بىرلەشمىسى باشلىقى كەنان كوجاتۈرك، گىرۇزىيە كىتاب نەشرىياتى ۋە كىتابچىلار ئۇيۇشمىسى باشلىقى گىۋانتسا جوۋابا ۋە فىنلاندىيەلىك مەسئۇللار ئىشتىراك قىلدى.

مۇراسىمدا سۆز قىلغان جوباۋا، يەرمەنكىنىڭ بۇ يىلقى شەرەپ مېھمىنى فىنلاندىيەگە رەھمەت ئېيتتى.

جوۋابا تىبىلىس كىتاب يەرمەنكە تارىخىدا تۇنجى قېتىم شەرەپ مېھمىنى سالاھىيىتى ئۈچۈن مۇراسىم ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، 2020-يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان يەرمەنكىنىڭ شەرەپ مېھمىنى تۈركىيەدۇر، دېدى.

كۇرالاي تۈركىيەنىڭ نەشرىياتچىلىق ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن دۆلەتلەردىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە دۇنيا بويىچە نەشرىياتچىلىق ساھەسىدە 6-ئورۇندا تۇرىدۇ، بىز كېلەر يىلقى يەرمەنكىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈۋاتىمىز، تۈركىيە بۇ يەرمەنكىنىڭ شەرەپ مېھمىنى بولۇش ئۈچۈن ئەستايىدىل تەييارلىق قىلىدۇ.»

ئەلچى يازگان تۈركىيە بىلەن گىرۇزىيەنىڭ چېگرىداش قوشنا دۆلەتلەر بولسىمۇ ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ بىر-بىرىنىڭ ئەدەبىياتىنى ياخشى چۈشەنمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مۇراسىمدىن كېيىن گىۋانتسا جوۋابا بىلەن فىنلاندىيە ۋەكىللىرى تۈركىيە ھەيئىتىگە 22-نۆۋەتلىك تىبىلىس خەلقئارا كىتاب يەرمەنكىسىنىڭ شەرەپ مېھمىنى كىنىشكىسىنى تەقدىم قىلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر