تۈركىيە راك دورىلىرىنى كۇبا بىلەن بىرلىكتە ئىشلەپچىقىرىدۇ

تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى راك ۋاكسىناسى ۋە دورىلىرىنى بىرلىكتە ئىشلەپچىقىرىش مەسىلىسىدە، كۇبا بىلەن ئورتاق تەتقىقات گۇرۇپپىسى قۇرۇشنى قارار قىلدى.

تۈركىيە راك دورىلىرىنى كۇبا بىلەن بىرلىكتە ئىشلەپچىقىرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى راك ۋاكسىناسى ۋە دورىلىرىنى بىرلىكتە ئىشلەپچىقىرىش مەسىلىسىدە، كۇبا بىلەن ئورتاق تەتقىقات گۇرۇپپىسى قۇرۇشنى قارار قىلدى. بۇ دائىرىدە، مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە كۇبادىن بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ھەيئەت تۈركىيەگە كېلىدۇ.

تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا شىۋېيتسارىيە پايتەختى جەنۋەدە ئېچىلغان 72-نۆۋەتلىك دۇنيا سەھىيە يىغىنىدا، كۇبا سەھىيە مىنىستىرى جوس ئانگېل پورتال مىراندا بىلەن كۆرۈشتى. كۆرۈشۈشتە يۇقۇملۇققا قارشى ۋاكسىنالار، راك ۋاكسىناسى ۋە دورىلىرى، ئۆسمە كېسەللىكلىرى تەتقىقاتىدا مۇھىم تەجرىبىگە ئىگە كۇبا بىلەن بىرلىكتە ئىشلەپچىقىرىش قارار قىلىندى.

تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا ئاخىرقى مەقسەتلىرىنىڭ دورا، ۋاكسىنا ۋە تىبىىي ئۈسكۈنىلەردە ئۆزىنى ئۆزى تەمىنلىيەلەيدىغان بىر دۆلەت بولۇش ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«يەنە بىر مەقسىتىمىز، دۇنيا بازارلىرىدا رىقابەت قىلالايدىغان ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسىغا ئىگە بولۇشتۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر