2 يىلدا تەييار بولغان يېپەك قۇرئان كەرىم زامىزاندا زىيارەتكە ئېچىلدى

ئاقغانىستاندا خۇشخەت ماھىرلىرى تەرىپىدىن ھەر بىر بېتى يېپەك ۋە ئالتۇن تالقىنى بىلەن 2 يىلدا تەييارلانغان قۇرئان كەرىم رامىزان ئېيى مۇناسىۋېتى بىلەن زىيارەتكە ئېچىلدى.

1199337
2 يىلدا تەييار بولغان يېپەك قۇرئان كەرىم زامىزاندا زىيارەتكە ئېچىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيادا تولىمۇ ئاز تېپىلىدىغان يېپەك قۇرئان كەرىم پايتەخت كابۇلدىكى فىروز كوخ ئۇنىۋېرسىتېتىدە كۆرگەزمىگە قويۇلدى.

بۇ لايىھەنىڭ باشقۇرغۇچىسى ئاتاقلىق خەتتات مۇھەممەد تامىم ساھىبزادە ئېلان قىلغان باياناتىدا، قۇرئان كەرىم بەتلىرىنىڭ يېپەك بىلەن ئالاھىدە ئىشلىنىشىنىڭ ئىنتايىن قېيىن ئەمما تولىمۇ ھوزۇربەخش بولغانلىقىنى ئېيتتى.

مۇھەممەد تامىم ساھىبزادە يېپەك قۇرئان كەرىمنىڭ ھەر بىر بېتىدىكى نەقىش ئىشلىرىنىڭ بىر ھەپتە ۋاقىت ئالغانلىقى بىلدۈرۈپ، «قۇرئان كەرىمنىڭ خەتلىرىنى يېپەك رەخت ئۈستىگە يازغىنىمىزدا بوياقنىڭ ئارقا بەتكە ئۆتۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن پىسىليۇم ئۆتىنىڭ تالقىنىنى ئىشلەتتۇق» دېدى.  

ئېغىرلىقى 8 كېلو 600 گېرام كېلىدىغان يېپەك قۇرئان كەرىمنىڭ جەمئىي 610 بەت ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان ساھىبزادە، ھەربىر بەتلىرىگە 15ۋە 16ئەسىرگە ئائىت نەقىشلەرنى ئىشلەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ساھىبزادە ئايەتلەرنىڭ يېپەك بەت ئۈستىگە يېزىلغانلىقىنى ۋە بۇ قۇرئان كەرىم ئۈچۈن جەمئىي 305 مېتىر يېپەك رەخت ئىشلىتىلگەنلىكىنى ئېيتتى.

ساھىبزادە بۇ يېپەك قۇرئان كەرىم ئارقىلىق ئىسلام ۋە ئىسلامىي خەتتاتلىق سەنئىتىنىڭ تېخىمۇ ئومۇملىشىشىنى نىشان قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «39 خەتتات ساق 2 يىل ئەمگەك سىڭدۇردى. خەتلىرى ئۈچۈن مىس ۋە ئالتۇن قاتارلىق مېتاللاردىن پايدىلاندۇق.  قۇرئان كەرىمنىڭ مۇقاۋىسىنى ئۆچكە تېرىسىدىن تەييارلىدۇق» دېدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر