ترامپ رامىزان ئېيىنى تەبرىكلىدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئامېرىكادىكى ۋە پۈتكۈل دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ رامىزان ئېيىنى تەبرىكلىدى.

1195572
ترامپ رامىزان ئېيىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت ترامپ رامىزان ئېيىنى تەبرىكلەپ ئېلان قىلغان يازما بايانات ئېلان قىلدى. ئۇ باياناتىدا: «مېلانىيا بىلەن ئامېرىكادىكى ۋە پۈتكۈل دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارغا، بۇ مۇقەددەس ئاينىڭ مۇبارەك بولۇشىنى تىلەيمىز» دېدى.

ئۇ رامىزان ئېيىدا قۇرئان كەرىمنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنىڭ خاتىرىلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «مۇسۇلمان ئائىلىلەر ۋە خەلقلەر ئاينىڭ كۆرۈلۈشى بىلەن، بۇ ۋەھىينى بىر ئايلىق تەپەككۇر قىلىش، مەنىۋى جەھەتتىن پاكلىنىش ۋە ئىبادەت قىلىش ئارقىلىق شەرەپكە ئىگە قىلىدۇ» دېدى.

ئۇ مۇسۇلمانلارنىڭ رامىزاندا روزا تۇتۇپ، قۇرئان ئوقۇپ، موھتاج كىشىلەرگە ياردەم ۋە ياخشىلىق قىلىپ، مەنىۋى سەپىرىدە تازىلاش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە بۇ ئارقىلىق ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە، مەرھەمىتىگە بولغان شۈكرىلىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«رامىزان ئېيى بويىچە ھەممىمىزنىڭ بىزگە بېرىلگەن نىئمەتلەرنى ئويلاش ۋە بىر-بىرىمىز بىلەن تېخىمۇ چوڭقۇر دوستلۇق ئورنىتىش پۇرسىتىمىز بار بولىدۇ. ھەممىمىز رامىزاننىڭ مەنىۋى كۈچى بىلەن تېخىمۇ ئۇيۇشچان ۋە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان جەمئىيەت سەۋىيەسىگە يېتەلەيمىز.»

پىرېزىدېنت ترامپ 2017-يىلى ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندىن بۇيان بەزى مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرىغا ۋىزا چەكلىمىسىنى قويۇشى، ئامېرىكادا ئىسلام ئۆچمەنلىكىنىڭ ئېشىشىغا زېمىن تەييارلاپ بېرىشى ۋە قۇددۇسنى ئىسىرائىلىيەنىڭ پايتەختى دەپ ئېتىراپ قىلىش قارارى قاتارلىقلار سەۋەبىدىن كۆپ ئەيىبلەشلەرگە ئۇچرىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر