بېرلىندا يېڭى تۇغۇلغان بالىلارغا ئەڭ كۆپ «مۇھەممەد» ئىسمى قويۇلىدۇ

گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىندا بۇلتۇر يېڭى تۇغۇلغان بالىلارغا ئەڭ كۆپ «مۇھەممەد» ئىسمىنىڭ قويۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1194213
بېرلىندا يېڭى تۇغۇلغان بالىلارغا ئەڭ كۆپ «مۇھەممەد» ئىسمى قويۇلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە ئۈچۈن تىل جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، پايتەخت بېرلىندا 2018 – يىلى يېڭى تۇغۇلغان 22 مىڭ 177 بالىدىن 280 مىڭى ئۈچۈن «مۇھەممەد» ئىسمى قويۇلغان. شەھەردە ، 244 بالىغا «لوئۇئىس» ئىسمى، 234 بالىغا «ئەمىل» ئىسمى قويۇلغان. برېمېن شەھىرىدىمۇ يېڭى تۇغۇلغان ئوغۇل بالىلارغا ئەڭ كۆپ «مۇھەممەد» ئىسمى قويۇلغان.

ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، گېرمانىيە مىقياسىدا بۇلتۇر يېڭى تۇغۇلغان ئوغۇل بالىلارغا ئەڭ كۆپ «پائۇل» ئىسمى، قىز بالىلارغا «مارىيە» ئىسمى قويۇلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر